Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سگوت دېلوسى
دۇنيا تارىخى
司各特案
sī gè tè àn
ئامېرىكا فىدىراتسىيە ئالىي سوتىنىڭ نېگىر قۇل درېد سگوت (1795 - 1858)نىڭ ئەركىن پۇقرالىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئەرزى توغرىسىدىكى ھۆكۈم دېلوسى. سگوت ئەسلىدە مىسسۇرى شتاتىدىكى بىر ھەربىي دوختۇرنىڭ قۇلى بولۇپ، خوجايىنى بىلەن بىللە بىرنەچچە يىل ئەركىن شتاتتا تۇرۇپ، كېيىن ئەسلى ماكانىغا قايتىپ كەتكەن، ئۇزاق ئۆتمەي ھەربىي دوختۇر كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇ شتاتلىق سوتقا ئەركىن پۇقرالىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ ئەرز سۇنغان. بۇ ئەرزھەل بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە، ئۇ يەنە بىر قۇلدارغا قۇل قىلىپ سېتىۋېتىلگەن. سگوت فېدېراتسىيە ئالىي سوتىغا ئەرز سۇنغان. 1857 - يىلى 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئالىيسوت ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقىرىپ: قۇل - خوجايىننىڭ مۇقەددەس مۈلكى، ئۇنى مەڭگۈ تارتىۋېلىشقا بولمايدۇ، دەپ جاكارلىغان. ئۇ ھۆكۈم قۇللۇق تۈزۈمنىڭ مەملىكەت بويىچە قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى كۈرەشنى كەسكىنلەشتۈرگەن.