Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سگوت
دائىرە: دۇنيا تارىخى司各特
sī gè tè
(1771 - 1832) ئەنگلىيىلىك شائىر، تارىخ يازغۇچى. شوتلاندىيىلىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا دادىسىدىن قانۇن ئۆگىنىپ ،ئادۋۇكات بولغان .1800-يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئجادىيەت بىلەن شوغۇللانغان. دەسلەپتە يازغان داستان <مارمىئون >، <كۆل ئۈستىدىكى خانىم > قاتارلىقلارشوتلاندىيە ۋە ئەنگلىيە تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، رۇمانتىزم تۈسىنى ئالغان. 1814-يىلدىن كىيىن ئارقا - ئارقىدىن بەزى تارىخىي رومانلارنى ئېلان قىلغان. بۇ رومانلارنىڭ ۋەقەلىكى كەڭ بۇلۇپ، ئۇلار ئەھلىسەلىپىنىڭ شەرىققە تاجاۋۇز قىلىشى، ئەنگلىيىنىڭ ⅦⅩ ئەسىردىكى ئىنقىلابىي ۋە ⅧⅩ ئەسىردەفرانسىيە قاتارلىق جايلاردا بولغان تارىخىي ۋەقەلىكلەرگە چېتىلغان. <ئۇئېۋېرلى >، <روب روي>، <گەيمېننېل > قاتارلىقلاردا ئاساسەن شوتلاندىيە خەلقىنىڭ ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرىغاقارشى كۈرىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛ <ئايۋېنگۇ>(كونا تەرجىمىسى <ساكسونىيە بۇلاڭ - تالاڭ قىلىنغاندىن كېيىنكى قەھرىمانلار ھەققىدە>)دە ساكسۇنىيە دېھقانلىرىنىڭ نورمان <فېئوداللىرىغا قارشى كۈرىشى تەسۋىرلەنگەن، >خان جەمەتىنىڭ ئوۋچىلار سارىيى<دا پۇرىتانلار بىلەن مۇنارخىستلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛ >كۋېنتىن دورۋارد<، >ئەھلىسەلىپىنىڭ قەھرىمانلىقى توغرىسىدا< قاتارلىقلاردا فرانسىيە ۋە ياۋرۇپادىكى تارىخىي ۋەقەلەر تەسۋىرلەنگەن. بۇ ئەسەرلەر ياۋرۇپا تارىخىي رومانلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.