Uyghurئاساسىي لۇغەت
شېتىلە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مىجەز - خۇلقى ئىتتىك، سۆزى تۇتۇرۇقسىز.
«شىغىلداق» ئىلى شېۋىسىدە «يېنىك» مەنىسىدە ئېيتىلىدۇ.
شاللاق قىز ئاشىقىدىن بىزار. شاللاق ئايالغا سوقۇر ئەر ياخشى. شەپشەك قارنى تويغان چاغ، شەپشەكلىكى بولار دادىلراق. شېتىلە ئېرىق ئاتلار، ئېغىر - بېسىق دەريا. يېنىك چوكان ئەردە توختىماس. شەقىقە شەھەرگە پاتماس. كۆڭلى سۇيۇقنىڭ ئىشى ئاقماس، كۆڭۈلگە ياقماس.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
مىجەز - خۇلقى تۇراقسىز، تۇتامى يوق.
تەمكىن، ۋەزمىن، سالماق ، ئېغىر - بېسىق ، ئۆزىنى توختاتقان
مىجەز - خۇلقى تۇراقلىق ۋە تۇتاملىق.
تەمكىن پىل ھودۇققان ئاتتىن پەللىگە بالدۇر بارىدۇ. ۋەزمىن يىگىت ھۈرمەتكە لايىق. ئېغىر - بېسىق ئادەمنى شەيتان ئالدىيالمايدۇ. ئۆزىنى توختاتقان ئادەم - ئۇلۇغلۇققا قەدەم قويغان ئادەم. گاچىغا ئۇچرىغان ئالىجۇقىمۇ ھارىدۇ. شاللاق خوتۇنغا سوقۇر ئەر ياخشى. خوتۇنى شېتىلە بولسا، ئېرىنىڭ قارىغۇ بولغىنى ياخشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ھەييار، قۇۋ؛ شاللاق، شەيتان.
ئۇ ھەقىقەتەنمۇ چىراي جەھەتتە تەڭداشسىز، لېكىن شېتىلە، راھەتپەرەس ئىدى.
شوخ، قىزىقچى.
ۋاي شېتىلە قىزىم، ۋاي ئەقلى بار قىزىم، قېنى ئۇسسۇلۇڭنى ئويناۋەر، كۆزۈم سەندە.