Uyghurئاساسىي لۇغەت
شېرىن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بال، شېكەرنىڭ تاتلىقىدەك تەم.
«تەملىك» ، «مەززىلىك» ، «لەززەتلىك» لەر ئومۇمەن ئاش - تاماققا قارىتا ئېيىلىدۇ.
تاتلىقنى تېتىغان ئاچچىققا يولىماس. ئاچچىقنى تېتىپ كۆرمىگەن، تاتلىقنىڭ تەمىنى بىلمەس. تەملىك بولسۇن دېسەڭ، ئازراق تۇزسال. شېرىن - شېكەر. شېرىن خىيال ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەس. ئاش تۇز بىلەن مەززىلىك. ئىشلەپ يېگەن لەززەتلىك، تىلەپ يېگەن مىننەتلىك. تېتىملىق بىر سۆز ئىككى سۆزگە تېتىيدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بالنىڭ تەمىدەك تەم.
ئاچچىق، لاۋزا
قىزىلمۇچنىڭ تەمىدەك تەم.
ئاچچىقنى تاتلىقنى تېتىغان بىلىدۇ، يىراقنى - يېقىننى يۈرگەن. تاتلىقنى تېتىغان ئاچچىقتا بولماس. ئىشەنمە يامان ئېيتسا شېرىن ماقال، ھەسەلگە زەھەر قوشمىقى ئېھتىمال. لاۋزا ئاچچىققا تەۋە. لاۋزا تاۋۇزنىڭ ئۇرۇقى تولا. تاتلىق بولسۇن دېسەڭ، ئازراق تۇز سال.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
سۈپ. تاتلىق، شىرىلىك (مېۋە - چېۋە، قەنت - شېكەر قاتارلىقلار ھەققىدە).
ئۇنىڭغا شۇنداق بىر ئۆستەڭ ئۇچرىدىكى، تاشلىرى مەرۋايىت، سۈيى ھەسەلدىن شېرىن، سۈتتىنمۇ ئاق ئىدى.
سۈپ. كۆچمە. ئادەمگە خۇشياقىدىغان، ھۇزۇر بېغىشلايدىغان، كىشىنىڭ مەيلىنى تارتىدىغان، كۆڭۈلنى ئاچىدىغان.
شېرىن سۆھبەت. شېرىن تۇيغۇ.
بۇ كېچە رۇقىيەم ئۈچۈن توي كېچىسىدىن بۇيانقى ئەڭ شېرىن كېچە بولدى.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
پارىسچە
شېرىنگۈل، شېرىنقىز
تاتلىق