Uyghurئاساسىي لۇغەت
شېرىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنى برلىشىپ بېجىرگۈچى.
پىتنىخور شەيتاننىڭ شېرىكى. ياخشى ئەر ئەلگە ئورتاق، يامان ئەر مالغا. تېرىمدا يوق، خاماندا تەڭ شېرىك. بۆرە تاپسا تەڭ ئورتاق، قاغا تاپسا دەرەخ ئۇچىدا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. بىرەرئىش، كەسىپتە ھەمكارلىشىپ، ياردەملىشىپ بىرگە ئىشلەيدىغان، بىرەر نەرسىنىڭ پايدا - مەنپەئىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان كىشىلەر (بىر - بىرىگە نىسبەتەن).
ساۋۇتجاننىڭ بۇ يېڭى ھۈنىرىگە يېڭى شېرىكمۇ تېپىلدى.
سۈپ. بىرەر ئىشتا ھەمكارلاشقان، ياردەملەشكەن.
ئۇنىڭدا شېرىك كارخانىلارنىڭ دۆلەت پىلانىغا بويسۇنۇشى لازىملىقى ۋەھاكازالار بەلگىلەنگەن.
ئى. باشقىلارنىڭ خۇشاللىقى ياكى غەم - قايغۇسىغا ئورتاقلاشقۇچى ئادەم ياكى نەرسە.
قىز - يىگىتلەرنىڭ رىشتىدۇر تارىڭ، شادلىققا، غەمگە شېرىك ئاۋازىڭ، مەپتۇن قىلدى بۇلبۇلنى سازىڭ، شۇڭا يۇقىرى شۆھرىتىڭ - شانىڭ. دېگىنى ئەمەلىيەتتە بىر قۇرۇق سەپسەتە.
ئى. ئۈلپەت، دوست.
ئالاھىدىن: - ماڭا ئايدەك 48 كېنىزەك قۇل يەتكۈز، ئۇلار مېنىڭ شېرىكلىرىم بولىدۇ. ئۇلارنىڭ يىگىرمە تۆتى ئالدىمدا، يىگىرمە تۆتى كەينىمدە ماڭىدىغان بولسۇن، - دەپتۇ.