Uyghurئاساسىي لۇغەت
شىمپەنزە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<فرانسوزچە
زوئولوگىيە
سۈت ئەمگۈچى ھايۋان ئۆرە تۇرغاندا ئېگىزلىكى بىر مېترغا يېتىدۇ، تۈكلىرى قارا، يۈزى قوڭۇر كۈل رەڭ، ئەمما تۈكسىز، قاش سۆڭىكى ئېگىز كېلىدۇ. ئافرىقا ئورمانلىرىدا توپلىشىپ ياشايدۇ، ياۋا مېۋە، كىچىك قۇش ۋە ھاشاراتلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئۇ ئادەمگە ناھايىتى ئوخشايدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋان بولۇپ، كۆپىنچە يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخىكىلىق تەجرىبىلىرىدە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.