Uyghurئاساسىي لۇغەت
شىمپانزا
بىئولوگىيە
<ئادەمسىمان قارا مايمۇن> دەپمۇ ئاتىلىد. سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپىنىڭ پرىماتلار ئەترىتى، ئورانگوتان ئائىلىسىگە كىرىدۇ. تېرىسى سۇس قوڭۇردىن قارا رەڭگىچە، يۇڭى قارا بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. بەدىنى ئورانگوتاندىن سەل كىچىك، ئۆرە تۇرغاندىكى ئېگىزلىكى 2.1 - 5.1 مېتىر، ئېغىرلىقى 45 - 75 كىلوگرام، بېشى يۇمىلاقراق، بېشىنىڭ چوققا قىسمىدا تۈكى بولمايدۇ، قۇلىقى چوڭ بولۇپ، ئىككى يانغا ئۆسۈپ چىققان، قاش سۆڭىكى ئېگىزرەك، بۇرنى بەكمۇ پاناق، كالپۇكى نېپىز ھەم ئۇزۇن. ئالدى پۇتى ئۇزۇن، ئۆرە تۇرغاندا ساڭگىلاتسا تىزىدىن ئۆتىدۇ. قوۋۇز خالتىسى يوق، قۇيرۇقسىز، ساغرىسىدا قاداقچىسى (كاللوزىسى) يوق، ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە غەربىي قىسمىدىكى تروپىك بەلباغ ئورمانلىرىدا ياشايدۇ، سەكرەشكە ماھىر ھەرىكىتى چاققان، دەرەخلەردە توپلىشىپ ياشايدۇ، ئۇۋا ياساش ئادىتى بار. ئارىلاش ئوزۇقلىنىدۇ. بولۇپمۇ مېۋىلەرگە ئامراق. جىنسىي يېتىلىش ۋاقتى چىشىلىرىنىڭ 8 - 10 ياشلاردا، ئەركەكلىرىنىڭ 10 - 12 ياشلاردا. ئۆمرى 50 يىلغا بارىدۇ. چوڭ مېڭىسى تەرەققىي قىلغان، ھايۋانلار دۇنياسىدىكى زېھنى ئەڭ يۇقىرىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. كۆندۈرۈپ مەشق قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ <قول ئىشارىتى بىلەن سۆزلىشىش> قاتارلىق بەزى ئاددىي تەپەككۇر پائالىيەتلىرىنى ئۆگىنەلەيدۇ. شۇڭا ئۇ مەشھۇر كۆرگەزمە ھايۋىنى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مۇھىم تەجرىبە ھايۋىنى ھېسابلىنىدۇ. مېڭىنىڭ ئىپتىدائىي تەپەككۇر پائالىيەتلىرى تەتقىقاتىنى نەق ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. شىمپانزىنىڭ ئالتىدىن ئارتۇق سۈت تۈرى (كەنجى تۈر) بولۇپ، ئادەتتە غەربىي ئافرىقىدىكى گامبىيە، گۋىنىيە، سېرالېئون، كامېرون قاتارلىق جايلاردا ياشايدىغان نۇسخا سۇب تۈرىنى (كەنجى تۈرىنى) كۆرسىتىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ سانى كۆپ بولمىغاچقا ئەتىۋارلىق ھايۋانلار قاتارىغا كىرىدۇ.