Uyghurئاساسىي لۇغەت
شىمالىي يەر تاقىم ئاراللىرى
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەرسوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىمالىي مۇز ئوكيان ياقىسىدىكى كارسكى دېڭىزى بىلەن لاتتۋىخ دېڭىزى ئارىسىغا جايلاشقان. بۇ تاقىم ئاراللار ئۆكتەبر، بولشېۋىك كوممۇنىستىك ئىتتىپاق ئەزاسى ھەم پىئونېردىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئارال ھەم نۇرغۇن ئۇششاق ئارالدىن تەشكىللەنگەن. مەيدانى 37 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يەر ئۈستى كۆرۈنۈشى ئېدىرلىق، تۈزلەڭلىك، تاغلىقلاردىن ئىبارەت. ئەڭ ئېگىز يېرى 965 مېتىر كېلىدۇ. ھاۋاسى سوغۇق، يېرىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك مۇزلۇقلار قاپلاپ تۇرىدۇ، ئاھالىسى شالاڭ بولۇپ، ئاساسەن بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.