Uyghurئاساسىي لۇغەت
شەرقىي شىمال زەرنەپ دەرىخى
بىئولوگىيە
زەرنەپ دەرىخى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ، قۇۋزىقىدا تېيىز يېرىلغان يېرىقچىلار بولىدۇ. شېخى زىچ ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقى رەتسىز، ئىككى قاتار بولۇپ، تىزىلىدۇ، 45 گرادۇس يانتۇ يېيىلىدۇ، يىپسىمان، تۈز، تۈۋى تار، سېپى قىسقا بولۇپ، ئالدىنقى ئۇچى دۆڭ ئۇچلۇق، ئۈستۈنكى يۈزى توق يېشىل، پارقىراق، ئاستىنقى يۈزىدە ئىككى تال ئاقۇچ يېشىل ھاۋا تۆشۈكچە بەلبېغى بولىدۇ. ئاتىلىق، ئانىلىقى ئايرىم تۈپتە ئۆسىدۇ، شارچە گۈلى يوپۇرماق قولتۇقىدا يالغۇز ئۆسىدۇ. ئاتىلىق شارچە گۈلى شار شەكىللىك بولۇپ، سېپى بولىدۇ، ئانىلىق شارچە گۈلىنىڭ سېپى بولمايدۇ، ئۇچىدا تۈز ئۆسكەن بىر دانە تۆرەلمە تۈگۈنى، تۈۋىدە تەخسىسىمان تۈگۈن تەختى بولىدۇ، تۆۋەن تەرەپتە بىر قانچە تال ئورىغۇچى يوپۇرماق بولىدۇ، گۈلى ئېچىلغاندىن كېيىن تۈگۈن تەختى يېتىلىپ رومكىسىمان گۆشلەشكەن يالغان مېۋە پوستىغا ئايلىنىدۇ، پىشقاندا قىزغۇچ بىنەپشە رەڭ پارقىراق بولىدۇ. ئۇرۇقى قاتتىق شاكاللىق مېۋىسىمان، تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، ئۇچىدا كىچىك كۆتمەك ئۇچى بولىدۇ، شۇ يىلى پىشىدۇ. جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالى، چاۋشيەن، ياپونىيە، روسىيە فېدېراتسىيىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن چىقىدۇ. جۇڭگونىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ. ياغاچ ماتېرىيالى قاتتىق، زىچ، ئېلاستىك، پارقىراق، خۇش پۇراق بولۇپ، قۇرۇغاندا يېرىلمايدۇ، قۇرۇلۇش، ئۆي سايمانلىرى، مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ۋە ئويمىچىلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ؛ مەركىزىي ماتېرىيالىدىن قىزىل بوياق ياسىلىدۇ؛ ئۇرۇقىدىن ماي تارتىلىدۇ؛ شاخ، يوپۇرماق، يىلتىز ۋە قورزىقىدىن زەرنەپ دەرىخى ماددىسى ئايرىۋېلىنىپ قەنت سىيىش كېسىلى داۋالىنىدۇ. بۇ شەرقىي شىمالدا ھويلا - ئاراملارغا تىكىلىدىغان ۋە ئورمان بىنا قىلىنىدىغان دەرەخلەرنىڭ بىرى.