Uyghurئاساسىي لۇغەت
شەرقىي ھىندۇنېزىيە پارتىيىسى
دائىرە: دۇنيا تارىخىھىندۇنېزىيىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن گوللاندىيىلىكلەر قۇرغان ئىلغار سىياسىي تەشكىلات. 1912 - يىلى قۇرۇلغان. قۇرغۇچىسى دېككېر. بارلىق ھىندۇنېزىيىلىكلەرنى يەنى ھىندۇنېزىيىدە تۇغۇلۇپ - ئۆسكەن، ھىندۇنېزىيىنى ۋەتەن قىلغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھەممىسىنى مىللەت ئايرىماي، بىردەك باراۋەر بولۇش، ئاخىرقى ھېسابتا گوللاندىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك ھىندۇنېزىيىدە تۇغۇلغان گوللاند - ھىندى ئارغۇنلىرى ئىدى. مەزكۇر پارتىيىدىكىلەر گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى دائىرلىرىگە قارشى بولغانلىقى ئۈچۈن، كۆپ ساندىكى رەھبەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن چېگرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان. 1913 - يىلى تارقىلىپ كېتىشكە مەجبور بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.