Uyghurئاساسىي لۇغەت
شەرقىي پرۇسسىيە
دۇنيا تارىخى
تارىخى رايون نامى. بالتىق دېڭىزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىرغىقى، ۋىسلا دەرياسى بىلەن نېمېن دەرياسىنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان، شۇ جايدا ئولتۇراقلاشقان يەرلىك ئاھالە - پرۇسسىلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. 13 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تېئوتون رىتسارلار پولكى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، مۇستەقىل ھالدىكى رىتسارلار دۆلىتىقىلىپ قۇرۇلغان. 14 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تېئوتون رىتسارلار ياكى يەنە ۋىسلا دەرياسىنىڭ غەربىدىكى گدانىسكى رايونىنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇنى غەربىي پرۇسسىيە دەپ ئاتىغان. 1466 - يىلى تېئوتون رىتسارلار پولكى پولشالىقلاردىن يېڭىلىپ، غەربىي پرۇسسىيە پولشاغا قوشۇۋېلىنغان، شەرقىي پرۇسسىيىنى يەنىلا تېئوتون رىتسارلار پولكى ئىگىلەپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن پولشاغا ئىتائەت قىلغان. 1511 - يىلى ھىنزۇللېرن جەمەتىدىن ئالبېرېشت (1490 - 1568) تېئوتون رىتسارلار پولكىنىڭ باشلىقى بولغان. 1525 - يىلى ئالبېرېشت شەرقىي پرۇسسىيىنى پرۇسسىيە كىنەزلىكىگە ئۆزگەرتكەن. 1618 - براندېنبۇرگ كىنەزلىكى بىلەن پرۇسسىيە كىنەزلىكى بىرلەشتۈرۈلۈپ، براندېبۇرگ - پرۇسسىيە دۆلىتى قۇرۇلغان؛ 1701 - يىلى پرۇسسىيە پادىشاھلىقىغا ئۆزگەرتىلگەن.1772 - پرۇسسىيە پادىشاھلىقى غەربىي پرۇسسىيەنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، زېمىنىنى غەربتىن- شەرققىچە تۇتاشتۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1919 - يىلىدىكى <ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى>غا ئاساسەن، غەرنىي پرۇسسىيەنىڭ بىرقىسمى پولشاغا قايتۇرۇپ بېرىلىپ،شەرقىي پرۇسسىيە يەنىلا پرۇسسىيىنىڭ ئىلكىدە بولغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1945 - يىلىدىكى پوتىسدام يىغىنىدا شەرقىي پرۇسسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى پولشاغا قۇشۇپ بېرىش، شىمالىي قىسمىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بۆلۈپ بېرىش قارار قىلىنغان.