Uyghurئاساسىي لۇغەت
شەيتىنى تۇتماق
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
(1) شەيتىنى ئۆرلىمەك، ھىيلىگەرلىك قىلماق: قىزنىڭ قەستەن قىلىۋاتقان نازلىق قىلىقلىرىنى كۆرگەن ئەخمەق يىگىتنىڭ شەيتىنى تۇتۇپتۇ - دە، قىزنى بىلىكىدىن تۇتۇپ قۇچىقىغا تارتىپتۇ. (2) كۈلگۈسى كەلمەك، كۈلكىسى ئۆرلىمەك: - شەيتىنىڭ تۇتتى - ھە، جىم ئولتۇرە، - دېدى ھاممام بىقىنىمغا بوشقىنە نوقۇپ، پىچىرلاپ تۇرپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئاچچىقى كەلمەك، غەزەپلەنمەك، غەزىپى ئاشماق.
ئۇنىڭ ئادالەتسىز سۆزلىرىنى ئاڭلىغان يىگىتنىڭ شەيتىنى تۇتۇپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماپتۇ - دە، ئۇنىڭغا ئېتىلىپتۇ.
كۈلگۈسى كەلمەك.
شەيتىنىم تۇتتى - دە، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كەتتىم.