Uyghurئاساسىي لۇغەت
شەيخ لوتفۇللا جامەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئىراندىكى جامە بولۇپ، ئىسفاھان شەھىرىدىكى ئەلى قەپۇ سارىيىنىڭ ئۇدۇلىدا1603 - 1604 - يىللىرى قۇرۇلۇش باشلانغان، 1793 - 1794 - يىللىرى قايتىدىن رېمونت قىلىنغان. بۇ جامە سەفەۋىيە سۇلالىسىدىكى ئابباس Ⅰ ۋە ئۇنىڭ كۈيئوغلى، مەشھۇر ئۆلىما شەيخ لوتفۇللانىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، جامە تىپىك پارس بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە: گۈمبىزى چوڭ ھەم ئېگىز، گۈمبەزگە ۋە خانىقانىڭ تاملىرىغا رەڭدار ساپال چاقچۇقلار چاپلانغان؛ خانىقانىڭ ئىچى ئازادە ۋە سۈرلۈك، تاملىرى ئاجايىپ كاتتا زىننەتلەنگەن. خانىقانىڭ ئىچىدە يەر ئاستى ئۆيلىرى بار، بۇ ئۆيلەر قىشتا ئىسسىق، يازدا سالقىن بولۇپ، مەردرىسە قىلىنغان. ئىراندا مۇنارى يوق بىردىنبىر جامە ھېسابلىنىدۇ.