Uyghurئاساسىي لۇغەت
سىفىنگولىپىد
بىئولوگىيە
<گلىكوزىدلىپىد> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ لىپويىل سىفىنگوزىننىڭ گلۇكوزىدى بولۇپ، ئاساسلىقى مېڭە، نېرۋا تۈگۈنى، سىتوپلازما پەردىسىدە مەۋجۇت. ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ماددىسى سېرېبروزىد ۋە گانگلىئوزىد (ياكى بوغۇم گانگلىئوزىدى دەپ ئاتىلىدۇ) لاردۇر. سېرېبروزىدنى، سىفىنگاننىنىڭ گالاكتوزىدى ياكى گلىكوزىدى دەپ قاراشقا بولىدۇ. يەنە گىدروكسى سېرېبروزىد، كېرازىن، گىدروكسى سېرېبروزىنىن ۋە تويۇنمىغان سېرېبىروزىلارغا بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە 24 كاربونلۇقتىن باشقا يەنە C 18, C 20, C 22, C 25 لىك ياغ كىسلاتالىرىمۇ بولىدۇ. بۇ تۈردىكى بىرىكمىلەرنىڭ قۇتۇپسىز قۇيرۇقى ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ قوش قەۋەتلىك تۈزۈلۈشىنىڭ ئىچكى قىسمىغا سوزۇلۇپ كىرىپ قۇتۇپلۇق باش قىسمى پەردىنىڭ سىرتقى يۈزىگە چىقىپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ سىرتقى يۈزى مەخسۇسچانلىققا ئىگە. گانگلىئوزىدلار بىر خىل كىسلاتالىق گلىكوزىدلىپىد بولۇپ، تەركىبىدە بىر دانە ياكى كۆپ شۆلگەي كىسلاتا (ئاتسېتىل نېرۋا ئامىىك كىسلاتا) سىنىڭ ياغلىق پولى ساخارىدى بولىدۇ. ئۇنىڭدىكى شۆلگەي كىسلاتاسى بىئولوگىيىلىك فۇنكىسىيىگە نىسبەتەن مۇھىم بولىدۇ، چۈنكى ئۇ نورمال ھۈجەيرىگە تېگىشىپ تورمۇزلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، لىمفا ھۈجەيرىلىرىنى كۆپەيتىپ ئۆسمىگە قارىتا ھۇجۇم قىلدۇرۇشتا ۋە نېرۋا ئۆسۈكچىسىنىڭ ئۆتكۈزۈشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.