Uyghurئاساسىي لۇغەت
سىففىن ئۇرۇشى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدا 657 - يىلى ئىككىنچى قېتىم پەيدا بولغان ئىچكى ئۇرۇش. ھەزرىتى ئوسمان قەتلى قىلىنغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەلى خەلىپە بولدى. سۈرىيىنىڭ باش ۋالىسى مۇئاۋىيە ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئۆلۈمى بىلەن ھەزرىتى ئەلى مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراپ، ھەزرىتى ئوسماننىڭ قان يۇقى كىيىملىىرنى كۆرسىتىپ، مۇسۇلمانلارنى ھەزرىتى ئەلىگە قارشى تۇرۇشقا ھەرىكەتلەندۈردى. ئىككى تەرەپ يېۋفرات دەرياسى بويىدىكى سىففىن تۈزلەڭلىكىدە ئۈچ ئايدىن ئارتۇق ئۇرۇش قىلغانلىقتىن، بۇ ئۇرۇش <سىففىن ئۇرۇشى> دەپ ئاتالدى. مۇئاۋىيە ھەربىي كۈچ بىلەن تەڭ كېلەلمەي، ھەزرىتى ئەلىدىن سۆھبەتلىشىپ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا رازى بولدى. لېكىن، ھەزرىتى ئەلىنىڭ قوشۇنى پارچىلىنىپ كەتتى. ھەزرىتى ئەلىنى ھىمايە قىلىدىغان بەزى كىشىلەر خاۋارىجلار بولۇپ ئۇيۇشتى.