Uyghurئاساسىي لۇغەت
سىففىن جېڭى
دۇنيا تارىخى
ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇش. ئۈچىنچى خەلىپە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، پەيغەمبەر مۇھەممەدنىڭ كۈيئوغلى ھەزرىتى ئەلى خەلىپىلىككە سايلانغان، ئەمما ئوسمان قەبىلىسىدىن چىققان سۈرىيە باش ۋالىيسى مۇئاۋىيىنىڭ قارشى چىقىشىغا ئۇچرىغان. مۇئاۋىيە خەلىپىلىكىنى تارتىۋېلىش غەرىزىدە بولۇپ، ھەزرىتى ئەلىنى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن چېتىشلىقى بار، دەپ قارىغان ھەمدە ئۇنىڭدىن قاتىلنى سوراق قىلىشقا تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەلى لەشكەر تارتىپ جازا يۈرۈشى قىلغان. ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇنى مىلادى 657 - يىلى سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا، ئېفرات دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى سىففىن تۈزلەڭلىكىدە ئۇچراشقان. بىرقانچە ھەپتە تىركەشكەندىن كېيىن، 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ھەل قىلغۇچ جەڭ ئېلىپ بېرىلغان. ئەلى غەلىبە قازىنىش ئالدىدا تۇرغاندا، مۇئاۋىيە لەشكەرلىرىگە <قۇرئان>نى نەيزە ئۇچىغا تېڭىپ ئېگىز كۆتۈرۈشنى بويرۇپ، <قۇرئان> ئارقىلىق ھۆكۈم چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان. ھەزرىتى ئەلى بۇ تەلەپنى قوبۇل قىلغان، ئىككىتەرەپ ئۇرۇشنى توختىتىپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ھەزرىتى ئەلىنىڭ بۇ ھەركىتى شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۆلۈنگۈچىلەر خاۋارىجلار بولۇپ ئۇيۇشقان.