Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەييىد ئەمىر ئەلى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1849 - 1919)ھىندىستاندىكى ئىسلام ئۆلىماسى، شىئە مەزھىپىنىڭ دىنىي داھىيىسى. يۇرتى پرسىيە (بۈگۈنكى ئىران). كەتەكتە (ھىندىستاننىڭ ئورسا شتاتى ئىچىدە) دۇنياغا كەلگەن. ياش چاغلىرىدا ئورسادا ئوقۇدى. كېيىن خەجەلى ئىنستىتۇتىدا ئەدەبىيات ۋە تارىخ پەنلىرى بويىچە ماگىستىر بولدى. ئەنگلىيىگە بېرىپ قانۇن ئوقۇدى. 1873 - يىلى ئادۋوكاتلىققا ئىمتىھان بېرىپ ئىمتىھاندىن ئۆتتى. 1885 - يىلى <مەملىكەتلىك ئىسلام مەركىزى جەمئىيىتى> نى قۇرۇپ، ئۇزۇنغىچە بۇ جەمئىيەتنىڭ شۇجىسى بولدى. 1890 - يىلى كالكۇتتا ئالىي سوتىغا قازى بولدى. 1891 - يىلى بېنگال قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئەنگلىيە ئالاھىدە ھوقۇقلۇق كونسۇلخانا قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولدى. سەييىد ئەمىر ئەلى ئىدىيىنى ئازاد قىلىپ، ئىسلام ئەنئەنىسىنى ھازىرقى زامان قارىشى بويىچە قايتىدىن بەرپا قىلىشنى، غەربنىڭ مەدەنىيەت تەربىيىسىنى تەشەببۇس قىلدى. ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئورنىنى ۋە مەنپەئىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي جەھەتتە گۈللىنىشىنى ئۈمىد قىلدى. پۇقرالارنىڭ داھىيىسى بولۇشتەك نام بىلەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە كۆپ قېتىم خەت يېزىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ تەلىپىنى بايان قىلدى. سەييىد ئەمىر ئەلى <ئىسلام مەدەنىيىتى>، <ساراسېنلارنىڭ تارىخى>، <ئىسلام دىنىنىڭ روھى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە كېيىنكى ئىككى ئەسەر ھىندىستان، مىسىر ۋە غەربتىكى ئىلىم ساھەسىدە كەڭ تارقالدى. سەييىد ئەمىر ئەلى 1904 - يىلىدىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتكىچە لوندوندا ياشىدى.