Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەييىد ئەلى مۇھەممەد
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1819 - 1850)ئىسلام دىنىدىكى بابىيەنى قۇرغان ئادەم. شىرازىدىكى رەخت سودىگىرىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ياش چاغلىرىدا كەربال ۋە نەجەفكە بېرىپ، شەيخىيەنىڭ باشلىقى سەئىد كازىم راشتى (؟ - 1843) بىلەن تونۇشتى. 1843 - يىلى شەيخىيەنىڭ باشلىقى بولدى. ئىككىنچى يىلى ئۆزىنى <باب> (ئەرەبچە دەرۋازا - ئىشىك دېگەن مەنىدىكى سۆز) دەپ ئاتاپ، كىشىلەر ئارزۇ قىلغان ئىمام مەھدىنىڭ نىيىتىنى مۇشۇا ئىشىك ئارقىلىق كىشىلەرگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆزىنى ئىمام مەھدى دەپ ئاتاپ، <قۇرئان كەرىم> گە تەقلىد قىلىپ <ئەل بەيان> يېزىپ، ئۇنى بۇ مەزھەپنىڭ كىتابى قىلدى. زۇلۇم بولمىغان، ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان دۇنيانى تەشۋىق قىلدى. تەلىماتىنى پرسىيىدىكى ھۆكۈمران سىنىپلارغا تەشۋىق قىلغاندا قارشىلىققا ئۇچرىدى. سەييىد ئەلى مۇھەممەد 1847 - يىلى قولغا ئېلىنىپ، 1850 - يىلى 7 - ئايدا تەبرىزدە ئۆلتۈرۈۋېتىلدى.