Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەييىد قۇتۇپ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مىسىردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سىياسىي پائالىيەتچىسى، زامانىمىزدىكى ئىسلامىيەتنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ نەزەرىيىچىسى. ئەسيۇتتا دۇنياغا كەلدى. كىچىكىدە ئەنئەنىۋى تەربىيە ئالدى. كېيىن قاھىرەگە بېرىپ ئوقۇپ، ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىق گۇۋاھنامىسى ئالدى. 1939 - يىلى ئىسلام دىنىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشتى. 1949 - يىلى ئامېرىكىغا باردى. دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىغا قاتنىشىپ، تەشۋىقات ۋە تەشكىلات خىزمىتى ئىشلىدى. 1954 - يىلى قولغا ئېلىنىپ، 1964 - يىلى قويۇپ بېرىلدى. كېيىنكى يىلى يەنە قولغا ئېلىندى. كېيىن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ۋە قەستلەپ ئۆلتۈرۈش پائالىيىتىگە چېتىلىپ قېلىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى. سەييىد قۇتۇپ ئىسلام دىنى ھەرخىل مەسلەكلەرنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان بىردىنبىر تاللاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارىدى. ئىسلام دىنىنىڭ سىياسىي ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ۋە كۈچەيتىشنى، ئىسلام ئىنقىلابى ئارقىلىق ھەقىقىي ئىسلام جەمئىيىتى ۋە ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. <قۇرئان كەرىم> نىڭ سايىسىدە<، >ئىسلام دىنىدىكى ئىجتىمائىي ئادىللىق<، >كەلگۈسىنىڭ دىنى - ئىسلام<، >يول بەلگىسى< قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى.