Uyghurئاساسىي لۇغەت
سازاڭ ئۆسۈكچە
بىئولوگىيە
سوقۇر ئۈچەينىڭ تۆۋەنكى ئۇچىدىن ئۇزىراپ چىققان كىچىك بىر نەيچە. ئادەمنىڭ سازاڭ ئۆسۈكچىسى ھال رەڭ بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ھەر بىر ئادەمگە قاراپ پەرقلىنىدۇ، ئادەتتە 7 - 9 سانتىمېتىر، نەيچە دىۋارى قېلىنراق، لېكىن نەيچە بوشلۇقى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ئاسانلا تىقىلىپ قېلىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ <سازاڭ ئۆسۈكچە ياللۇغى> دېيىلىدۇ. ئۇ ئادەتتە <سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سازاڭ ئۆسۈكچە دىۋارى ئىچىدە چوڭلۇقى ئوخشىمايدىغان نۇرغۇنلىغان لىمفا كىچىك تۈگۈنلىرى بولىدۇ. شۇڭا بەزىلەر سازاڭ ئۆسۈكچىنى ئانتىتېلا ھاسىل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان مەركىزىي لىمفا توقۇلمىسى دەپ تونۇماقتا.