Uyghurئاساسىي لۇغەت
سازاڭ قۇرت
بىئولوگىيە
سازاڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاز تۈكلۈكلەر سىنىپىغا تەۋە. مەملىكىتىمىزدە ئۇنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغانلىرى گىگانت سازاڭلار ئائىلىسىدىكى ھالقىسىمان تۈكلۈك سازاڭ (pheretima) ھېسابلىنىدۇ. تېنى ئۇزۇن تۇرۇبا شەكىللىك، نۇرغۇنلىغان ئوخشاش تەن بوغۇملىرىدىن تۈزۈلگەن. تېنىنىڭ ئالدىنقى ئۇچىدىكى گۆشلۈك ئۆسۈكچىسى، ئېغىز ئالدى ياپراقچىسى دېيىلىپ توپا كولاش، ئوزۇقلىنىش ھەم سېزىش رولىنى ئوينايدۇ. ئېغىز ئالدى ياپراقچىسىدىن كېيىنكى بىرىنچى بوغۇمى ئېغىز ئەتراپى بوغۇمى دېيىلىدۇ. ئېغىز ئەتراپى بوغۇمى ھەم ئەڭ ئاخىرقى بىر - ئىككى بوغۇمدىن باشقا ھەرقايسى بوغۇملىرىنىڭ ھەممىسىدە قىلچىق تۈكلەر ئۆسكەن بولۇپ، ئوخشىمىغان تۈرلىرىنىڭ قىلچىق تۈكلىرىنىڭ تىزىلىشى، مورفولوگىيىسى ۋە سانى ئوخشاش بولمايدۇ. ھالقىسىمان تۈكلۈك سازاڭنىڭ قىلچىق تۈكلىرى ھالقا شەكلىدە ئايلىنىپ ئۆسكەن، سانى كۆپرەك، قوش جىنسلىق، باشقا تەندىن ئۇرۇقلىنىدۇ، ئانىلىق ۋە ئاتىلىق كۆپىيىش تۆشۈكى بولغاندىن سىرت يەنە، ئۇرۇقلىنىش خالتا تۆشۈكى بولۇپ، ئۇنىڭ سانى بىلەن ئورنى بەلگىلىك بولىدۇ. جىنسى يېتىلگەن ئىندىۋىدلار تېنىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى بىر نەچچە بوغۇمنىڭ قىلچىق تۈكلىرى ۋە بوغۇم بىلەن بوغۇم ئارىلىقىدىكى چوڭقۇر ئېرىقچىلىرى بولماستىن، بوغۇملار بىرلىشىپ ئۈزۈك رايوننى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، كۆپىيىش بەلبېغى، ياكى ھالقا بەلباغ دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاجراتمىلىرى ئۇرۇقلانغان تۇخۇم قاچىلىنىدىغان ھەم تۆرەلمە يېتىلىشىگە ئىشلىتىلىدىغان تۇخۇم غوزىكى شەكىللەندۈرەلەيدۇ، تۇخۇم غوزەك ئىچىدە بولۇپ، بىر ئاي ئەتراپىدا تۇخۇمدىن چىقىدۇ. ھەر خىل سازاڭ قۇرتنىڭ ھالقا بەلبېغىنىڭ ئىگىلىگەن بوغۇم سانى ۋە ئورنى ئوخشاشمايدۇ. سازاڭلار توپىنى چىشلەپ يۇتۇپ، ھەزىم قىلىش يولىدىن ئۆتكۈزۈپ، قايتىدىن يەر يۈزىگە چىقىرىش بىلەن تۇپراقنى بوشىتىدۇ ھەم تۇپراق تەركىبىنى ئۆزگەرتىدۇ، شۇڭا يېزا ئىگىلىكىگە پايدىلىق، ئۆي قۇشلىرى ياكى بېلىقلارنىڭ يېمى قىلىشقىمۇ بولىدۇ. جۇڭگوچە دورىگەرچىلىكتە پۈتۈن قۇرت دورا قىلىنىدۇ، تەبىئىتى سوغۇق، تەمى تۇزلۇق، قىزىتمىنى قايتۇرۇش، تىنچلاندۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە. تەتقىقات خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، سازاڭ ھەم ئۇنىڭدىن ئاجرىتىۋېلىنغان تەركىبلەر سىلىق مۇسكۇلنى بوشاشتۇرۇش ۋە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولىغا ئىگە ئىكەن. ئۇنىڭ تارقىلىشى كەڭ، مەملىكىتىمىزنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى ھەرقايسى جايلاردىن تېپىلىدۇ.