Uyghurئاساسىي لۇغەت
ساز
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . ئۇيغۇر مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى.
ساز چالماق.
2 . مۇزىكا، كۈي. قېنى بىر دەم ساز ئاڭلايلى، جىم ئولتۇرۇڭلار.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئوت - چۆپ ئۆسۈپ كەتكەن پاتقاقلىق.
سازن يەر بولمايدۇ دېمە، تازنى ئەر بولمايدۇ دېمە (ماقال) .
خىجالەت كەلتۈرەر تىلدىكى پەرداز،
گىيا ئۈنمەس قارايەر بولغىنى ساز.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
ياخشى، بەلەن.
ئاز بولسۇن. ساز بولسۇن (ماقال) . * ئىش قورالىڭ ساز بولسا، مۇشەققىتىڭ ئاز بولار (ماقال) .
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۈي - ئاھاڭ چىقىرىدىغان، چېلىنىدىغان ئەسۋابلار.
ساز چېلىشنى بىلمىگەن كىشى _ چالا كىشى. چالغۇ چالغان قۇلۇڭغا دەرد بەرمىسۇن. بىردەم مۇزىكا چالايلى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چالغۇ ئەسۋابلىرىنى چېلىشتىن چىققان ئاھاڭلىق، رېتىملىك كۈي.
سازىغا قاراپ ئۇسسۇلى. ئۆلۈمنىڭ يىغىسى بار، توينىڭ نەغمىسى. قۇشلار ناۋا قىلىدۇ، كۆڭۈلنى خۇش ئېتىدۇ. ئۆيدە گەپ - سۆزنىڭ بولماسلىقى _ تويدا ساز - نەغمىنىڭ بولماسلىقى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەر جەھەتتىن تولۇق، ساق، ئۈستۈن ھالەت.
<ئەۋزەل>، <ئەلا>، <ساز>، <خوپ> لار ئادەمنى سۈپەتلەپ كەلمەيدۇ.
ياخشى ئېشىنى يەر، يامان بېشىنى يەر. ياخشى نەدە بولسا ياخشى. سەن ياخشى، مەن ياخشى، تونۇر قىزىق، نان ياخشى. ھالال ئىشلەپ تاپساڭ ئەگەر ئارپا نان، خەقنىڭ ئاق نېنىنى يېگەندىن ئوبدان. كىشىنىڭ ئاغزىغا قاراپ، مەنسەپ تۇتقاندىن، ئۆز ئەركىگە ئىگە پۇقرا بولغان دۇرۇس. ئۆزىگە يارىشار ئەخمەقنىڭ چۈشى، نە بىر قىممىتى بار، نە تۈزۈك ئىشى. كىمنىڭ ئەگەر بەلەن بولسا ھىممىتى، كونا كىيىمىدىمۇ چوڭدۇر ئىززىتى. ئېيتىلغان سۆزدىن ئېيتىلمىغان سۆز ئەۋزەل. ۋاقىت ھەممىدىن ئەلا. بۈگۈنكى تۇخۇم ئەتىكى توخۇدىن ئەلا. ئاز بولسىمۇ، ساز بولسۇن. ئېسىل دوست يىراقلاشماس. مۇھەببەتنىڭ ئېسىلى دەسلەپكىسى. بوراندا ئۆز كۆزۈڭگە ئىشەنگىنىڭ خوپ، يامغۇردا ئۆز ئۆتۈكۈڭنى كىيگىنىڭ خوپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئۇيغۇر مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرى يەنە دۇتار، تەمبۇر، ساتار، راۋاب قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي نامى.
مۇزىكا، غەزەلخانلارنىڭ ساداسى، كۈيى.
بىرىنچى مەھبۇس: ئۇنىڭ <تاشۋاي> دېگەن سازىنى ئاڭلىغان بولغىيدىڭ؟
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
ياخشى، ساق، جايىدا.
ئاز بولسۇن ساز بولسۇن (ماقال).
ئىش قورالىڭ ساز بولسا، مۇشەققتىڭ ئاز بولار (ماقال).
يېقىملىق، مۇڭلۇق؛ جاراڭلىق.
ئۇ نەپىس ۋە ساز ئاۋازى بىلەن پاتىھە ئوقۇغاندىن كېيىن، چوڭ چىنىدىكى شورپىنى ئوتلاپ قويدى.
تەڭكەش قىلىنغان، سازلانغان.
ساز قىلماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زەيكەش يەر.
تازنى ئەر بولمايدۇ دېمە، سازنى يەر بولمايدۇ دېمە (ماقال).