Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
三月法令
دۇنيا تارىخى
مارت پەرمانى
1848 - يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە ۋېنگرىيە پارلامېنتى ماقۇللىغان پەرمانلار. 1848 - يىلى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ۋېنگرىيىنىڭ پايتەختى بۇداپىشتتا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، مىللىي مۇستەقىللىك ۋە دېموكراتىك ئىسلاھات تەلىپى ئوتتۇرغا قويۇلغان. 3 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى ۋېنگرىيە پرلامېنتى خەلق ئاممىسىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، مارت پەرمانىنى ماقۇللاپ، ۋېنگرىيىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى پارلامېنتقا جاۋابكار بولىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى؛ ھەربىي ئىشلار ۋە مالىيىدە مۇستەقىل ئۆزىگە - ئۆزى خوجا بولۇشنى؛ 30 دېردىن يۇقىرى باج تاپشۇرغان پۇقرالار پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھەربىي خىزمەت ئۆتەش تۈزمىنى يولغا قويۇشنى، سۆز قىلىش، نەشىر قىلىش ئەركىنلىكى ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى؛ مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمىنى، مال - مۈلۈك ۋە نەق پۇل بېجىنى بىكار قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك باج تۈزۈمىنى قوللىنىدىغانلىقىنى ترانسىلۋانىيىنى قوشۇۋېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئېلان قىلغان. 4 - ئايدا ئاۋسترىيە كورۇلى تۈرلۈك پەرمانلارنى تەستىقلاشقا مەجبور بولغان، بىراق ئەمەلىيەتتە مارت پەرمانى ئەستايىدىل يولغا قويۇلمىغان.