Uyghurئاساسىي لۇغەت
سانتو دومىنگو خىتابنامىسى
دائىرە: دۇنيا تارىخىكارىب دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز - ئوكيان بايلىقىنى قوغداش خىتابنامىسى. 1972 - يىلى 6 - ئايدا، كارىب دېڭىزى بويىدىكى 15 دۆلەت دومىنكانىڭ پايتەختى سانتو دومىنگودا دېڭىز -ئوكيان قانۇنى مەسىلىسى يىغىنىنى ئۆتكۈزگەندە ماقۇللىغان. خىتابنامىدە ئىگىدارلىقتىكى دېڭىز ئۇقۇمىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەردە تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقى بولغان 12 دېڭىز مىلىلىق دېڭىز تەۋەسى بولۇشتىن باشقا، مەلۇم كەڭلىكتە ئىگىدارلىقتىكى دېڭىزنى ئايرىش كېرەك؛ دېڭىز - ئوكيان تەۋەسىنىڭ ۋە ئىگىدارلىقتىكى دېڭىزنىڭ پۈتۈن رايونى جۇغراپىيىلىك شارائىتقا ئاساسەن، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 200 دېڭىز مىلىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن ھەمدە دېڭىز ياقىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىدارلىقتىكى دېڭىز رايونى ئىچىدىكى دېڭىز رايونى، دېڭىز - ئوكيان قىنى ۋە دېڭىز - ئوكيان ئاستىدىكى <تەبىئىي بايلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بولۇش>نى بەلگىلىگەن. خىتابنامىگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەر سانتو دومىنگو گۇرۇھى دەپ ئاتالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.