Uyghurئاساسىي لۇغەت
سانتىياگو
بىئولوگىيە
چىلى جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ شەھىرى، سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. ئۇ دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ماپوچۇ دەريا بويىغا جايلاشقان. غەربىي قىسمى چىلىنىڭ ئەڭ چوڭ پورتى ۋالپارايسو بىلەن بولغان ئارىلىقى 100 كېلومېتىر كېلىدۇ. شەھەر ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 4 مىليون 294 مىڭدىن ئوشۇق (1982). سانتىياگو شەھىرى 1541 - يىلى سېلىنىشقا باشلىغان. 1818 - يىلىدىن باشلاپ دۆلەتنىڭ پايتەختى بولغان. سانتىياگو دۆلەتنىڭ مۇھىم سانائەت بازىسى، بۇ جايغا پۈتۈن دۆلەتتىكى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ %54 ى توپلانغان. ئاساسىي سانائەت تارماقلىرىدىن مېتاللۇرگىيە، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچەك، كىيىم - كېچەك، ماشىنىسازلىق، قەغەز ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەرنىڭ مەركىزىدىكى سانت لۇسىيە تېغىغا چىقىپ تۆۋەنگە قارىسا پۈتۈن شەھەرنىڭ مەنزىرىسىنى ئوچۇق كۆرگىلى بولىدۇ. سانتىياگو شەھىرى تۆمۈريول، تاشيوللار ئارقىلىق دۆلەتنىڭ باشقا چوڭ شەھەرلىرى بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. شەھەردە تەرەپ - تەرەپكە كەتكەن تاشيوللار ناھايىتى كۆپ.