Uyghurئاساسىي لۇغەت
ساماررا
دۇنيا تارىخى
ئەرەب ئىمپېرىيىسى ئابباسلار سۇلالىسى پايتەختىنىڭ خارابىلىرىدىن بىرى. ئىراقتىكى باغدادنىڭ غەربىي شىمالىغاتەخمىنەن 100 مىڭ كىلومېتىر كىلىدىغان تىگر دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا، ئابباسلار سۇلالىسىنىڭ سەككىزىنچى خەلىپىسى مۇستاسىم (794 - 842) مىلادى 836 - يىلى پايتەختنى باغدادتىن بۇ يەرگە كۆچۈرگەن، بۇ جاي مىلادى892 - يىلغىچە ئاۋاتلاشقان. بۇ ئارىدا مۇتاۋچىل چوڭ مەسچىتى، بالكۋارا ئوردىسى قاتارلىق نۇرغۇن ئىمارەتلەر سېلىنغان. بۇ يەردەكۆپ قېتىم قېزىش ئىشى ئېلىپ بېرىلغان، ئۇنىڭ ئىچىدە 1905 - 1911 - يىلى ئىككى قېتىم دائىرىسى كەڭرەك بولغان. جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى فارفۇر قاچىلار تېپىلغان. ساماررانىڭ يەر ئاستىدا تارىختىن بۇرۇنقى دەۋردىكى مەدەنىيەت قاتلىمى بار. ئەڭ ئاستىنقى قاتلىمى ساماررا دەۋرىدىكى سامارراچە ساپال قاچىلار بار. قەبرىلەردىن نۇرغۇنلىغان بىجىرىم رەڭلىك ساپال قاچىلار چىققان، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى قاچىلارنىڭ ئىچىگە<卐> بەلگىسىى سىزىلغان.