Uyghurئاساسىي لۇغەت
سامان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئىمكانىيەت؛ ئامال ئىلاج؛ ياردەم:
كۆرەر بولسام ئەگەر كىم دىلبەرى يۇسۇف نىشانىمنى،
تاپا ئالماي يۇرۇپدۇرمەن جەھاندا بىسەرۇ سامان.
قەلەندەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ياردەم، كۆمەك، ئىلاج؛ ھاسىل؛ تەرتىپ، ئىنتىزام؛ كۈچ، ھال، قۇدرەت؛ قابىلىيەت؛ لاياقەت؛ ئەشيا، ئەنجام، جىھار؛ دۆلەت، بايلىق؛ سامانلىغ - ئىقتىدارلىق، قابىلىيەتلىك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئارپا - بۇغداي، شاللار تېپىلىپ، دېنى ئېلىۋېلىنغاندىن كېيىن قالغان شېخى. كۆچمە مەنىدە: كۆپ. قىممىتى، ئەتىۋارى يوق.
سامان نەرخى. ساماننىڭ ئاستى ئالتۇن. مەڭگەننىڭ كۆشۈكى بىر پۇل. قەيەرگە يىقىلىشنى بىلسەم، شۇ يەرگە پاخال سېلىپ قوياتتىم. مىسىل _ كەمبەغەلنىڭ كۆرپىسى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سامان.
چىگىلچە.
1 - 541
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. بۇغداي، ئارپا قاتارلىقلار غوللىرىنىڭ يانچىلىشىدىن ھاسىل بولىدىغان مەھسۇلات.
مالغا سامان بەرمەك.
سۈپ. كۆچمە. سېرىق، سارغايغان.
ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگىرويۇڭ سامان بولماس (ماقال).