Uyghurئاساسىي لۇغەت
ساماندەك سارغايماق
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
(1) ناھايىتى سارغىيىپ سولماق: ساماندەك سارغىيىپ بولماس، بۇلۇتتەك ئاقىرىپ بولماس. قىممەتلىك ئەزىز جاننى يامانغا خار قىلىپ بولماس؛ (2) موھتاجلىق، پېقىرلىقتىن قاتتىق قىينالماق، مادارىدىن كەتمەك: - ئەگەر خۇدا ئۇرۇپ بىر گادايغا تەگكەن بولسام، بۈگۈن - ئەتىنىڭ غېمىنى يەپ، ساماندەك سارغىيىپ قانداقمۇ قىلاتتىم، - دېدى سارىخان ئاپىسىغا.