Uyghurئاساسىي لۇغەت
سالىك قانۇنى
دۇنيا تارىخى
سالىك - فرانكلارنىڭ ئادەت قانۇنلىرى توپلىمى. مىلادى Ⅵ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فرانك كورۇلى كروۋىي تەختتە ئولتۇرغان چاغدا تۈزۈلگەن. لاتىنچە يېزىلغان. قەدىمكى نۇسخا 65 بابقا بۆلۈنگەن، ھەربىر باپ يەنە بىرقانچە ماددىلارغا بۆلۈنگەن. كېيىن تولۇقلىنىپ تۇرغان. قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى سوتلاش ۋە جازالاش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ئاساسىي مەزمون قىلغان.مىلادى Ⅴ ئەسىردىن Ⅵ ئەسىرگىچە بولغان فرانكلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. يەنى: ئۇلار كۆپ ھاللاردا يېزا جامائەسى(مارك) دە تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئۈلۈشلۈك يەرلەر ھەرقايسى ئائىلىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىلىپ ۋارىسلىق قىلىپ تېرىلغان؛ ئورمان، ئوتلاق، سۇ مەنبەلىرى (كۆل، دەريا، سازلىق قاتارلىقلار) دىن ئورتاق پايدىلانغان. ئەركىن دېھقانلار فرانك جەمئىيىىتنىڭ ئاساسىي ئەزاسى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە قۇل، يېرىم ھۈر ۋە ئاقسۆڭەكلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. سالاھىيىتى ئوخشاش بولمىغان كىشىنى ئۆلتۈرگەنلەرگە مىقدارى ئوخشاش بولمىغان جەرىمانە قويۇش بەلگىلەنگەن. مەسىلەن، ئەگەر كورۇلنىڭ مۇھاپىزەتچىسىنى ئۆلتۈرگەن بولسا، 600 سولىدا (پۇل بىرلىكى) تۆلەش، بىر قۇلنى ئۆلتۈرگەن بولسا، ئىگىسىگە 30 سولىدا تۆلەش، دەپ بەلگىلەنگەن. قانۇندا ئاياللارنىڭ يەر - مۈلۈك مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىشى مەنئىي قىلىنغان. بۇ بەلگىلىمە كېيىن فرانسىيەنىڭ ئاياللارنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىشنى چەتكە قاقىدىغان قانۇنىي ئاساسىي بولۇپ قالغان. بۇ قانۇن ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى غەربىي ياۋرۇپا تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.