Uyghurئاساسىي لۇغەت
سالىسبۇرىي
دۇنيا تارىخى
(1830 - 1903) ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى (1885 - 1886، 1886 - 1892، 1895 - 1920)، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ يولباشچىسى. ئوكسىفورد خرىستىئان شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 1853 - يىلى تۆۋەن پالاتائەزالىقىغا سايلانغا. 1866 - يىلى ھىندىستان ئىشلىرى ۋەزىلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1867 - يىلى <پارلامېنت ئىسلاھاتى قانۇنى> غا قوشۇلمىغانلىقتىن خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن. 1874 - يىلى يەنە ھىندىستان ئىشلىرى مىنىستىرلىكىگە قايتقان. 1878 - يىلى دىسىرائىلى ھۆكۈمىتىدە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان، بېرلىن يىغىنىغا قاتناشقان. 1881 - يىلى دىسىرا ئىلى كېسەل بىلەن ئۆلگەندىن كېيىن، مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسىگە يولباشچى بولغان. 1885 - يىلى تۇنجى قېتىم كابېنت تەشكىل قىلغان. 1886 - يىلنىڭ باشلىرىدا ئاغدۇرۇلۇپ كەتكەن. شۇ يىلى پارلامېنتتا گلادىتونېنىڭ <ئېرلاندىيە ئاپتونۇمىيە قانۇنى> تۈزۈش ئۇرۇشىنى يەڭگەندىن كېيىن، يەنە بىرقېتىم كابېنت تەشكىل قىلغان. ئىككىنچى، ئۈچىنچى نۆۋەتلىك باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئەنگىلىيەنىڭ سىرتتىكى مۇستەملىكىلىرىنى پائال كېڭەيتكەن، بولۇپمۇ ئافرىقىدا تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. شۇڭا فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ياۋرۇپا مۇستەملىكىچى دۆلەتلىرى بىلەن بىرنەچچە قېتىمتوقۇنۇشۇپ قالغان؛ 1899 - 1902 - يىللىرى ئىنگلىز - بۇرلار ئۇرۇشىنى قوزغىغان؛ ياۋرۇپا ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن، ياۋرۇپادا <شەرەپلىك يېتىم قېلىش سىياسىتى>نى يولغا قويغان؛ ئىچكى جەھەتتە بەزى ئىسلاھاتلارنى يولغا قويغان. مەسىلەن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلغان، ھەقسىز مائارىپنى يولغا قويغان؛ ھۆكۈمرانلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىشچىلار قوشۇمچە پۇلى تارقاتقان ۋە باشقىلار، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئېرلاندىيىنڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىغا كۈچىنىڭ بارىچە قارشى تۇرغان.