Uyghurئاساسىي لۇغەت
سالىمىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى ئىلمىي تەۋھىد ئېقىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، Ⅸ ئەسىردە بەسرەدە ئسىلام ئۆلىماسى سەھىل تۇستەرى (؟ - 689) بۇ ئېقىمنى بارلىققا كەلتۈرگەن. سەھىل تۈستەرىنىڭ شاگىرتى ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەد سالىم (؟ - 909) باشلىق بولغاندا بۇ ئېقىم رەسمىي شەكىللىنىپ، شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. سالىمىنىڭ ئەۋلادلىرى بۇ ئېقىمغا باشلىق بولغان. ئابباسىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆلىمالار تەبىقىسى ئەقىدە مەسىلىسىدىكى ئوخشاشمىغان قارشلار ئۈستىدە قوزغىغان مۇنازىرىدە سەھىل تەلىماتىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئېقىم بولۇپ شەكىللىنىپ، بەسرەنىڭ سۈننىي مەزھىپىدىكى مالىكىيە ئۆلىمالىرىنى يادرو قىلىپ قۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىسلام ئىلمىي تەۋھىدىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى. بۇ ئېقىم سۈننىي مەزھىپىدىكى مالكىيە بىلەن تەسەۋۋۇپچىلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەقىدە تەلىماتىنى شەكىللەندۈردى. بۇ ئېقىمنىڭ قارىشىچە، ئاللا يارىتىش ۋە ياراتماسلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل نىيەتتە بولىدۇ. ئاللا مۇكەممەل شەيئىلەرنى يارىتىدۇ. رەزىل شەيئىلەرنى ياراتمايدۇ؛ ئىنساننىڭ گۇناھ سادىر قىلىپ يامانلىق قىلىشى ئاللانىڭ خاھىشى ئەمەس. بەلكى ئىنساننىڭ ئاللانىڭ يامانلىقنى توسۇپ، ياخشىلىقنى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىشىدۇر. ئىنسان شەرىئەتكە ئاڭلىق ئەمەل قىلىشى، ئاللاغا بويسۇنۇشى لازىم. قىيامەت سورىقىدا ئاللا كۆرۈنىدۇ. يارىتىلغان ئىنسان ۋە مەۋجۇداتلار ئاللانى كۆرەلەيدۇ. شۇ چاغدا ئاللانىڭ نۇرى ھەممىنى يورۇتۇپ، ساۋابلىق ئىشلارنى قىلغانلارنى مۇكاپاتلاپ، گۇناھ سادىر قىلغانلارنى جازالايدۇ. ئاللاغا بويسۇنغان، ئېتىقاد قىلغانلار قۇتقۇزۇپ قېلىنىدۇ، مۇسۇلمانلار دىنىي پەرزلەرنى ئادا قىلىپ، چوڭقۇر خىيال سۈرۈپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈپ ئويغىنىشى، ئۆزىنىڭ تەبىئىيىتىنى پاكلاشتۇرۇپ، ئاللا ۋىسالىغا يېتىشى لازىم. بۇ ئېقىمنىڭ ئىلمىي تەۋھىد تەلىماتى سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇتەكەللىمۇن ئەبۇ بەكرى ۋاستى ۋە ئەل غەززالىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى. بۇ ئېقىمنىڭ تەلىماتى دەسلەپكى ھەنبەلىيەلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە ساقلىنىپ قالدى. تەسەۋۋۇپچى شازىلىيە پىرقىسىمۇ بۇ ئېقىمنىڭ تەلىماتىنى قوبۇل قىلدى.