Uyghurئاساسىي لۇغەت
رىئېگو
دۇنيا تارىخى
(1785 - 1823) ئىسپانىيىلىك ئىنقىلابچى. سۇنغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1808-يىلى ئوۋېيدو ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. فرنسىيىگە قارشى ئۇرۇشتا يېرىم ائرال جېڭىگە قوماندانلىق قىلىپ ئەسىرگە چۈشۈپ، فرانسىيىدە تۇتقۇندا بولغان. كېيىن قېچىپ شۋېتسارىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيىگە بارغان. ئورتاق قۇتقۇزۇش ئۇيۇشمىسىغا قاتناشقان. 1814-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇستەبىت تۈزۈمگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە پائال قاتناشقان. 1820-يىلى 1-ئايدا ئۆزىگە قاراشلىق ماتالېئوننى باشلاپ قوزغىلاڭ قىلىپ، <1812-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن> نى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان. ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن <كۆزەتچى قوشۇن> نىڭ دىۋىزىيە كوماندىرى بولغان. 1820-يىلى 6، 8 - ئايلاردا <كۆزەتچى قوشۇن> نىڭ قوماندانى بولغان. 1820 - 1823-يىللىرىدىكى <رادىكال> لارنىڭ رەھبەلىرىدىن بىرى. 1822-يىلى 3-ئايدا پارلامېنتنىڭ تۇنجى پارلاېمنت باشلىقى بولۇپ سايلانغان. شۇ يىلى 7-ئايدا كورۇلنىڭ مۇھاپىزەت قوشۇنىنىڭ ئىسيانىنى باستۇرۇشقا قاوماندانلىق قىلىپ، <رادىكاللار> نىڭ 8-ئايدا ھۆكۈمەت تەشكىللىشىنى تېزلەتكەن. 1823-يىلى 9-ئايدا ئۇنىڭ قىسىملىرى ئىسپانىيە ئىنقىلابىغا مۇداخىلە يۈرگۈزگۈچى فرانسىيە قوشۇنى تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان، ئۆزى كورۇل تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن.