Uyghurئاساسىي لۇغەت
رىئېگو قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
ئىسپانىيە ھەربىيلىرىنىڭ فېردىناند ⅤⅡ نىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى. 1819-يىلى ئىسپانىيىگە قاراشلىق ئامېرىكا مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئىسپانىيىنىڭ 20 مىڭ كىشىلىك يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى كادىسقا توپلانغان. بەزى لېبىرالىزملىق ئىدىيىسىدىكى ئوفىتسېرلار قوشۇن ئىچىدىكى نارازىلىك كەيپىياتتىن پايدىلىنىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ، مەغلۇپ بولغان. رىئېگو بەختكە يارىشا قۇتۇلۇپ قالغان. 1820-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى رىئېگو ئۆزىگە قاراشلىق قىسمنى باشلاپ قوغىلاڭ قىلغان. <1812-ىلدىكى ئاساسىي قانۇن> نى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان. يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنىنىڭ قوماندانلىق شتابىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، لېئون ئارىلىغا يۈرۈش قىلغان ھەمدە باشقا سۇيىقەستچىلەردىن تۈرمىدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن بۇ ئارالغا باشلاپ كەلگەن نەچچە مىڭلىغان ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلەر بىلەن ئۇچراشقان. 1-ئاينىڭ ئاخىرى رىئېگو 1500 كىشىنى باشلاپ ئاندالۇسىيىگە يۈرۈش قىلغان. بىراق ئېغىر چىقىمغا ئۇچرىغانلىقتىن تارقىلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. لېئون ئارىلىنى ساقلاۋاتقان 3000 كىشىلىك قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىمۇ تۆت تەرەپتىن قامال ئىچىدە قېلىپ ئىلاجىسىز تەسلىم بولغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ گەرچە مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەرەپ - تەرەپتىن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، 1820 - 1823-يىللىرىدىكى ئىسپانىيە ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلاپ بەرگەن.