Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
رىئېگو
دائىرە: دۇنيا تارىخى里埃哥
lǐ āi gē
()1785 - 1823( ئىسپانىيىلىك ئىنقىلابچى. سۇنغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1808-يىلى ئوۋېيدو ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. فرنسىيىگە قارشى ئۇرۇشتا يېرىم ائرال جېڭىگە قوماندانلىق قىلىپ ئەسىرگە چۈشۈپ، فرانسىيىدە تۇتقۇندا بولغان. كېيىن قېچىپ شۋېتسارىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيىگە بارغان. ئورتاق قۇتقۇزۇش ئۇيۇشمىسىغا قاتناشقان. 1814-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇستەبىت تۈزۈمگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە پائال قاتناشقان. 1820-يىلى 1-ئايدا ئۆزىگە قاراشلىق ماتالېئوننى باشلاپ قوزغىلاڭ قىلىپ، <1812-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن> نى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان. ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن <كۆزەتچى قوشۇن> نىڭ دىۋىزىيە كوماندىرى بولغان. 1820-يىلى 6، 8 - ئايلاردا <كۆزەتچى قوشۇن> نىڭ قوماندانى بولغان. 1820 - 1823-يىللىرىدىكى <رادىكال> لارنىڭ رەھبەلىرىدىن بىرى. 1822-يىلى 3-ئايدا پارلامېنتنىڭ تۇنجى پارلاېمنت باشلىقى بولۇپ سايلانغان. شۇ يىلى 7-ئايدا كورۇلنىڭ مۇھاپىزەت قوشۇنىنىڭ ئىسيانىنى باستۇرۇشقا قاوماندانلىق قىلىپ، <رادىكاللار> نىڭ 8-ئايدا ھۆكۈمەت تەشكىللىشىنى تېزلەتكەن. 1823-يىلى 9-ئايدا ئۇنىڭ قىسىملىرى ئىسپانىيە ئىنقىلابىغا مۇداخىلە يۈرگۈزگۈچى فرانسىيە قوشۇنى تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان، ئۆزى كورۇل تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.