Uyghurئاساسىي لۇغەت
رىسېلىيۇ
دۇنيا تارىخى
(1585 - 1642) فرانسىيە كورۇلى لۇئى Ⅷ نىڭ باش ۋەزىرى (1624 - 1642). يەرلىك ئاقسۆڭەكتىن كىلىپ چىققان. 1607 - يىلى لۇسۇن شەھىرى ( فرانسىيەنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان) نىڭ ئېپىسكوپى بولغان. 1614 - يىلى مىسسىئونېرلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشقان. 1622 - يىلى كاردىناللىققا ئۆستۈرۈلگەن. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە ھوقۇقنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، فرانسيەنىڭ ئەمەلىي ھۆكۈمرانى بولۇپ قالغان. ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىشكە تىرىشقان. خۇگىنو تەرەپدارلىرىدىكى ئاقسۆڭەكلەر <نانت پەرمانى> غا ئاساسەن فرانسىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا نۇرغۇن قەلئەلەرگە ئىگە بولۇپ، پادىشاھلىق ھاكىمىيەت بىلەن قارشىلىشىپ، <دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت> بولۇپ شەكىللەنگەن. 1628 - يىلىئۇ قوشۇنلارغا بىۋاستە قوماندانلىق قىلىپ، خۇگىنوچىلارنىڭ مۇھىم تايانچ پونكىتى بولغان لاروشېلنى ئىشغال قىلغان. ئىككىنچى يىلى خوگىنوچىلارنى بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋاتقان سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىكى ئىمتىيازىدىن مەھرۇم قىلغان. ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن <تونلۇق ئاقسۆڭەك> (ئاقسۆڭەكلەشكەن بۇرژۇئازىيە) دىن ئەمەلدارلارنى تاللاپ، ئۇلارغا مۇھىم ۋەزىپە يۈكلىگەن؛ شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە مەمۇرىيەت، ئەدلىيە ۋە مالىيە جەھەتتە چوڭ ھوقۇققا ئىگە ئەمەلدارلارنى ئەۋەتىپ، يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆلكە باشلىقى بولىۋالىدىغان ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرغان. ئىقتىسادىي جەھەتتە سودا - سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇش، سودا شىركەتلىرىنى قۇرۇش، مۇستەملىكىچىلىك تالان - تاراج قىلىش ئىشلىرىغا مەدەت بەرگەن. گېرمانىيەدىكى پروتېستانت بەگلىرى ۋە گوللاندىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خابىسبۇرگ خاندانلىقىغا قارشى تۇرۇشنى قوللىغان؛ 1635-يىلى 30 يىللىق ئۇرۇش (1618 - 1648) قا رەسمىي قاتناشقان. باجنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، خەلقنىڭ يۈكى ئېغىرلاشقانلىقتىن كروچۇئانتىس قوزغىلىڭى، يالاڭئاياغلار قوزغىلىڭى قاتارلىق قوزغىلاڭلار ئارقا - ئارقىدىن كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسى باستۇرۇلغان.