Uyghurئاساسىي لۇغەت
رىشتە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يىپ، تاناپ؛ تار؛ پىلىك:
جان؛ تومۇر:
كىشەن:
يەنە بولدى تانۇشلۇق ھۇكمى مەزبۇت،
ئۈزۈلگەن رىشتە تاپتى ئەقدى مەربۇت.
ناقىس.
كۆز ئۇچى بىرلەن ئىگىردى شەۋقى نەتئىڭ رىشتەسىن،
جامە تەقۋا سەنسىزىن پۈتمەس بۇدۇركىم ئېھتىياج.
شەۋقى.
2.زىنھاركى زۇلم رىشتەسىن ئۈز،
ئىنسافا ئىلە ئەدل قەسرىنى تۈز.
نەۋايى.
3. ئىلاھا، قىل مېنى رەھمەت سەرىشتە،
سالىپ بويۇنۇمغە مېرھىڭ بىرلە رىشتە.
خىرقەتى.
سېنى، جانا، ھەممە كۆڭلۈم ئالۇرغە دىلرەبا دەرلەر،
مېنى دائىمىكى زۇلفۇڭ رىشتەسىغە مۇتەلا دەرلەر.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يىپ، تاناپ؛ باغلىغۇچى، ۋاستە: رىشتە تابى - يىپ ئورامى؛ رىشتەئى ئەشك - ئۈزلۈكسىز ئاققان كۆز يېشى؛ رىشتەئى ئەنكە بۇت - ئۆمچۈك تورى؛ تېرە ئاستىدا پەيدا بولىدىغان، يىپقا ئوخشاش ئۇزۇن قۇرۇت (رىشتە كېسىلى).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىپەك، پاختا، يۇڭ، كەندىردىن ئېگىرىلىگەن ئۇزۇن نەرسە. توقۇش، تىكىش، باغلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
<رىشتە> ئايرىم قوللىنىلمايدۇ، پەقەت سۆز بىرىكمىلىرىدە ئۇچرايدۇ.
<چىگە> كەندىر تالاسىدىن ئېلىنىدۇ، تومراق بولىدۇ.
<تالا> كۆپىنچە تەبىئىي بولىدۇ.
ئويلىماي ئېيتىلغان سۆز - يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەك. يىپىڭ ئېشىكلىك بولسا، ئىشىڭ پۈتۈكلۈك. قوۋم - قېرىداشنىڭمۇ رىشتىسى ئۈزۈلىدۇ. چىگە ئىنچىكە يېرىدىن ئۈزۈلەر. كېۋەزنىڭ پوستىدىن ياخشى تالا چىقىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
يىپ، شوينا، تاناپ.
بۇ رىشتىگە ئۆتكۈزۈلگەن مارجان ئىدى، يىپ ئۈزۈلۈپ مارجانمۇ يەرگە تۆكۈلدى.
كۆچمە. نەرسىلەر، كىشىلەر ۋە ھادىسە قاتارلىقلارنى ئۆزئارا مەھكەم باغلايدىغان ۋاسىتە؛ باغلىنىش، مۇناسىۋەت.
دوستلۇق رىشتىسى. كۆڭۈل رىشتىسى ئۈزۈلمەك. مۇھەببەت رىشتىسى.