Uyghurئاساسىي لۇغەت
روخلفىس
دۇنيا تارىخى
(1831 - 1896) گېرمانىيىلىك مۇستەملىكىچى، ئېكسپېدىتسىيىچى. 1855 - 1860-يىللىرى فرانسىيىنىڭ ئالجىرىيىدە تۇرۇشلۇق چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى پولكىنىڭ ھەربىي دوختۇرى بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە ئەرەب تىلىنى ئۆگەنگەن ھەمدە ماراكەشكە بېرىپ ئېكسپېدىتسىيە ۋە ساياھەت قىلغان. 1862-يىلى ئاتلاس تاغ تىزمىلىرىنى تەكشۈرگەن، 1864-يىلى لىۋىيىنىڭ فېززان رايونىغا بارغان. ئىككىنچى يىلى يەنە ترىپولىدىن يولغا چىقىپ، سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتۈپ گۋېنېيە قولتۇقىغا بارغان ياۋروپالىق بولۇپ قالغان. 1867-يىلى ئەنگلىيىنىڭ ئېفىئوپىيە يىراققا يۈرۈش ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 1873 - 1874-يىللىرى ترىپولىدىن يولغا چىقىپ لىۋىيە قۇملۇقىدىن ئۆتۈپ، مىسىرغا يېتىپ بارغان. 1878 - 1882-يىللىرى يەنە ئافرىقىنى ئېكسپېدىتسىيە قىلىشقا بېرىپ، كۇفرا بوستانلىقى، ئېفىئوپىيە قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 1884-يىلى گېرمانىيىنىڭ زانزىباردا تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولغان. <ماراكەشنى كېسىپ ئۆتۈش ساياھىتى>، <ئافرىقىنى كېسىپ ئۆتۈش>، <مېنىڭ ھەبەشىستانغا بېرىشتىكى ۋەزىپەم> قاتارلىق ئەسەرلىرى بولۇپ، مۇئەييەن تارىخىي ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە.