Uyghurئاساسىي لۇغەت
روخاس
دۇنيا تارىخى
(1892 - 1948) فىلىپپىن زۇڭتۇڭى (1946 - 1948). فىلىپپىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، قانۇن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1917-يىلى كاپىس شەھەرلىك پارلامېنتنىڭ ئەزاسى بولغان. 1923-يىلى فىلىپپىن ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى بولغاندا مۇستەقىللىكنى تەلەپ قىلغۇچى ئەلچىلەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئامېرىكىغا بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىننىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1938 -1940-يىلىرى ئاپتونومىيە ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە مىنىستىرى بولغان. ياپونىيە ئىشغالىيىتى مەزەىلىدە خوسې لائۇرېل (1959 - 1891) قورچاق ھۆكۈمتىدە مۇھىم مەنسەپ تۇتقان. 1940 - 1945-يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشكەن. شۇ يىلى ماكارتۇرنىڭ قانات ئاستىغا ئېلىشى بىلەن كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقلىقىغا، قوشۇمچە كېڭەش پالاتاسى تەيىنلەش كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. شۇ يىلى 7-ئايدا فىلىپپىن مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، يېڭى جۇمھۇرىيەتنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى بولغان.