Uyghurئاساسىي لۇغەت
رودوس
دۇنيا تارىخى
(1) يەنى رودوس ئارىلى. ئېگېي دېڭىزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئارال. كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كارىيە بىلەن دېىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئارالدا دەسلەپتە فىنىكىيىلىك كۆچمەنلەر بار ئىدى. كېيىن يۇنانلىقلار كۆچۈپ كىرىپ، لىندۇس (شەرقىي جەنۇب دېڭىز بويلىرى) قاتارلىق ئۈچ ئولتۇراق جاي قۇرغان. ئۇلار دېڭىز سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە كولۇنىيە قۇرۇپ، ئۇنى ئىتالىيە، سىتسىلىيىدىن ئىسپانىيىنىڭ شەرق شىمالىي دېڭىز بويلىرى (رودې شەھىرى) غىچە يەتكۈزگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅤⅡ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئارالدا ئېراتىدې جەمەتىنىڭ ئولىگارخ ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان. يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە پېرسىيىگە قاراشلىق بولۇپ، پادىشاھ كېئېرىس Ⅰ گەكېمە يەتكۈزۈپ بەرگەن. ئۇرۇشتا پېرسىيە مەغلۇپ بولغان، رودوس مۇستەقىللىككە ئىگە بولۇپ، ئافىنا بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. پېلوپوننېس ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا يەنە سپارتا بىلەن بىرلەشكەن (مىلادىدىن 412 يىل ئىلگىرى)ئاددىي خەلق كۈچلىرى باش كۆتۈرۈپ، ئولىگارخچىلار بىلەن كۈرەش ئېلىپ بارغان، ئىككى تەرەپنى ئافىنا بىلەن سپارتا قوللىغان. مىلادىدىن 408 يىل ئىلگىرى رودوس (شەرق شىمالىي تۇمشۇق) دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى شەھەر قۇرۇلۇپ، ئارالدىكى مەمۇرىي ئورگانلار تۇرۇشلۇق جاي قىلىنغان، رودوس پورتى يىراق - يېقىنغا داڭلىق بولغان. ئىمپېراتور ئالېكساندر شەرققە يۈرۈش قىلغاندا ماكېدونىيىگە ئەل بولغان يۇنانلاشتۇرۇش دەۋرى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگخرىكى Ⅰ ئەسىرگىچە) دە تەرەققىي قىلىپ ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. داۋاملىق ئېگېي دېڭىزىدا تەسىرىنى كېڭەيتىپ، يىراققا بوسفور بوغۇزى ئەتراپىغىچە قانىغان. ئارالدا يەنە يۇنانچە كۆپلىگەن بىنالار بار، بولۇپمۇ ئويمىچىلىق سەنئىتى بىلەن بىر مەزگىل داڭق چىقارغان. ئۇ يەردىكى <ئاپوللون ھەيكىلى> قەدىمكى دۇنيادىكى يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يەنە ئاگېساندېر ئىجاد قىلغان <لائوكون ھەيكەللىر> قاتارلىقلار بار. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردە رىمنىڭ تەسىر كۈچى كىچىك ئاسىياغىچە يېتىپ بېرىپ، رودوسنىڭ تەرەققىياتى چەكلىمىگە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ كېمىلىرىمۇ دائىم رىمنىڭ ئىشلىتىشىگە يەتكۈزۈپ بېرىلگەن. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى (مىلادى Ⅰ ئەسىر) دە رودوس مۇستەقىلىكىنى يوقىتىپ، رىمنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. ئوتتۇرا ئەسىردە بۇ ئارال ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە ئۇزاق ۋاقىت بېقىنغان ھەمدە سېن جۇئان رىتسارلار پولكى تۇرۇشلۇق جايى بولغان. ⅩⅥ ئەسىرگىچە تۈركلەر بېسىۋالغان. 1947-يىلى گرېتسىيىگە تەۋە بولغان. (2) سېسىل جون رودېس (1853 - 1902) ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىسى. دىن تارقاتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1870-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىغا بارغان، دەسلەپتە ئاكىسىنىڭ پاختا ئېكىنزارلىقىدا خىزمەت قىلغان، كېيىن ئاكىسى بىلەن بىرلىكتە ئالماس قېزىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ بارا - بارا بېيىپ كەتكەن. 1873-يىلى ئەنگلىيىگە قايتىپ كېلىپ ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. لېكىن بۇ مەزگىلدە دائىم ئوقۇشنى تاشلاپ جەنۇبىي ئافرىقىغا بارغان. 1880-يىلى دىبىر كانچىلىق شىركىتىنى قۇرغان. 1881-يىلدىن باشلاپ كاپ مۇستەملىكىسى پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، <كاپتىن قاھىرەگىچە> بولغان ناھايىتى چوڭ مۇستەملىكە ئىمپېرىيىسى قۇرۇشنى كۈچىنىڭ بارىچە تەرغىپ قىلغان. 1888-يىلى كىمبېرلېيدا ئالماس قېزىشنىڭ مونوپوللۇق ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، 1889-يىلى قۇرۇلغان ئەنگلىيە جەنۇبىي ئافرىقا شىركىتى ئارقىلىق جەنۇبىي ئافرىقا خەلقىنىڭ مال - مۈلكىنى ھەدەپ بۇلاپ - تالىغان. 1890-يىلى كاپ مۇستەملىكىسىنىڭ باش مىنستىرى ۋە ئەمەلىيەتتىكى مۇستەبىتى بولغان. 1896-يىلى خىزمىتىدىن بوشانغان. ئىنگلىز - بورلار ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇ ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسى ئۈچۈن جەنۇبىي ئافرىقىنى ئىگىلەش ۋە بۇلاپ - تالاشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن، بىر قىسىم جەنۇبىي ئافرىقا مۇستەملىكىلىرى ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن رودېزىيە دەپ ئاتالغان.