Uyghurئاساسىي لۇغەت
رەھمەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەرھەمەت، رەھمەت، تەشەككۈر:
مۇھەييا ئەيلەگەيلەر ئاچۇنانكىم ئابۇ نېئمەتدىن،
ئوشۇل رەھمەت ئىلە ماھى مۇبارەك رەمەزان كەلمىش.
شەۋقى.
ئىلاھا، قىل مېنى رەھمەت سىرىشتە،
سالىپ بوينۇمغە مېھرىڭ بىرلە رىشتە.
خىرقەتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
رەھىمدىللىق، مېھرىبانلىق؛ ئايىماق، ئايانچ؛ كەڭچىلىك؛ ئاللاۈنىڭ رەھمىتى، ئىلتىپاتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رازى ۋە مەمنۇنلۇقنى بىلدۈرۈپ ئېيتىلىدىغان سۆز.
مېھمان تويمىسىمۇ «رەھمەت» دەر. دۇتار چالدىم يۈسۈپ ئەھمەتكە، ھېچنېمە كەلمەس قۇرۇق رەھمەتكە. تەشەككۇر تاش تېشەر. تەشەككۇر ئېيتىش ھەم ئەدەبتىن، ھەم ئىنساپتىن. ھۈنىرىڭگە بارىكاللا، ھىممىتىڭگە ھەشقاللا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىر كىمگە بىلدۈرگەن تەشەككۈر ۋە مىننەتدارلىقنى ئىپادىلەيدۇ.
رەھمەت ئېيتماق. رەھمەت ئوقۇماق.
مەرھەمەت، شەپقەت، ياخشىلىق.
- خۇدا رەھمەت قىلسۇن بېگىم، - دېدى بوۋاي خۇشال بولغان ھالدا.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
رەخمەت، رەمەت
رەھىم قىلماق، ئىچ ئاغرىتماق
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
شەۋكەتلىك، رەھىمدىل، مېھرىبان. باشقا شەكىللىرى: رەھمەتباي، رەھمەتجان.