Uyghurئاساسىي لۇغەت
رەھمانىيە پىرقىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئالجىرىيىدىكى يېقىنقى زامان تەسەۋۋۇپچى قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلىي بولۇپ، خەلۋەتىيە پىرقىسىنىڭ تارماقلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ پىرقىنى ⅩⅧئەسىردە ئابدۇرەھمان (؟ - 1293) ئالجىرىيىدە قۇرغان. بىر مەھەل <ئەل بەكرىيە پىرقىسى> دەپ ئاتالغان. تۇنىستىكى تارمقىقى <ئەززۇزىيە پىرقىسى> دەپ ئاتالغان. ئابدۇرەھمان ياشلىق دەۋرىدە ئالجىرىيىدىكى مەدرىسىدە ئوقۇغان. 1739 - يىلى ھەج تاۋاب قىلىپ كېلىۋېتىپ، مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان ھەمدە قاھىرەدە خەلۋەت پىرقىسىگە قاتناشقان. كېيىن ئۇستازى ئۇنى ھىندىستان، سۇدانلارغا ۋائىزلىق قىلىشقا ئەۋەتكەن. 30 يىلدىن كېيىن ئالجىرىيىگە يېنىپ كەلگەن. يۇرتىدا ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە دىنىي پائالىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن تۇنجى تەشكىلات <زاۋىيە> قۇرغان. يەرلىك كىشىلەرگە خەلۋەتىيە دىنىي پىرقىسىنىڭ ئەقىدىسىنى تەرغىب قىلىپ، پىرقىغا قاتنىشىپ ئۇستازىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىستىقامەت قىلسا، ئاللاغا يېقىنلىشىپ، ئاخىرەتتە دوزاى ئازابىغا ئۇچرىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى كېيىن مالىكىيە فەقىھلىرى تەرىپىدىن ئەيىبلەندى. ئابدۇرەھمان <بىدئەتلىك> نى تارقاتتى، دېگەن گۇناھ بىلەن سوراق قىلىندى. كېيىن يۇرتىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ پىرقىسى شاگىرتلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ، شىمالىي ئافرىقىدا كەڭ تەسىرگە ئىگە بولدى. بۇ پىرقە ئىستىقامەتتە ئاللاغا 12 مىڭ قېتىمدىن 70 مىڭ قېتىمغىچە تەسبىھ ئېيتىدۇ. ئۇستازىنىڭ تەلىمىنى ئاڭلايدۇ. ئىستىقامەت قىلغۇچىلار <مۇرىد> دېيىلىپ، ئۇلاردىن ئۇستازنى سۆيۈش، ئۇستازغا ھۆرمەت قىلىش، بويسۇنۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ پىرقىنىڭ مۇرىدلىرى شىمالىي ئافرىقىدىكى ئالجرىيە، تۇنىس، ماراكەش ۋە سۇدان قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.