Uyghurئاساسىي لۇغەت
رەھمان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
رەھىم - شەپقەت قىلغۇچى، ئاللا:
يۈزىڭدە سۇرەتى رەھماننى كۆردۈم،
قاشىڭدە قاف ۋەل - قۇرئاننى كۆردۈم.
نەسىمىي.
بەندە ئاجىزغە ئاغىر كەلتۈرسە مىزان پەللەسى،
ياخشى ئەئمال بىرلە شايەد زات رەھمانىمغە ئەرز.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تەڭرىنىڭ ئاتىلىشى (بۇ دۇنيادا ھەممىگە رەھىم قىلغۇچى مەنىسىدە).
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <رەھىمدىل> دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئاللانىڭ 99 گۈزەل ئىسمىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە: <سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر؛ ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر> دېيىلگەن (2 - سۈرىنىڭ 163 - ئايىتى). مۇتەكەللىمۇنلار ئۆز پىكرىدە مۇشۇ ئايەتنى ئاساس قىلىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دىكى سۈرە <فاتىھە> دە <ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن> دېگەن سۆز 1 - ئايەت قىلىنغان، (سۈرە تەۋبەدىن باشقا) سۈرىلەر <ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن> دەپ باشلىنىدۇ. 27 - سۈرىنىڭ 30 - ئايىتىدىمۇ بۇ سۆز بار. گۈزەل ئىسىم كۆپ ھاللاردا <شەپقەتلىك> (رەھمان) ئاتالغۇچى بىلەن ئاللا ئۇلىنىپ كېلىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دىكى 55 - سۈرىگە <رەھمان> سۆزى ماۋزۇ قىلىنغان.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئاللانىڭ گۈزەل ئىسىملىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى « شەپقەتلىك » دېگەنلىك بولىدۇ. ئاللانىڭ سۈپەتلىرى تەرىپلىنىدىغان « قۇرئان كەرىم » دىكى نۇرغۇن سۆزلەر ئاللانىڭ گۈزەل ئىسىملىرىغا ئوقۇلغان ھەمدۇسانا، دەپ قارىلىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىسلام ئۆلىمالىرى ئاللانىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنى 99 غا يېغىنچاقلىغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە « رەھمان » سۆزى ئاللانىڭ ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان گۈزەل ئىسمى بولغان. « قۇرئان كەرىم » دىكى 114 سۈرىنىڭ ئىچىدە 9 _ سۈرە ( سۈرە تەۋبە ) دىن باشقىلىرى باشلانغاندا « رەھمان » سۆزى ئىشلىتىلگەن. 27 _ سۈرە يەنى « سۈرە ئەمىل » نىڭ 30 _ سۈرىسىدىمۇ « بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم » دېگەن چىقىدۇ. 55 _ سۈرە « رەھمان » (مېھرىبان ئاللا ) سۆزى بىلەن باشلانغان ھەمدە بۇ سۆز باشقا سۈرىلەردىمۇ 50 نەچچە قېتىم چىقىدۇ. پېئىل ياكى باشقا شەكىللەردە چىققان سانىنى ساناپ بولغىلى بولمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزت. شەپقەت قىلغۇچى، شەپقەتلىك ئاللا.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
رەخمان، رەخىم، رەخمىجان
رەھىم - شەپقەتلىك، مېھرىبان