Uyghurئاساسىي لۇغەت
راۋۇرۇس
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەگرى - بۈگرى، ئوي - دوڭغۇل، قىڭغىر - قىيسىق ئەمەس.
قىڭغىر، ئەگرى، قىيسىق، قىيا، مايماق
تۈز ۋە تەكشى ئەمەس، ئېگىلگەن، قىيسايغان.
ئىلىمدە تۈز يول يوق. يىلاننىڭ تۆشۈكى تۈز، ئۆزى ئەگرى. توغرا كىشى ئۇزار، ئەگرى كىشى توزار. راۋۇرۇس يۈر، ئەگرى يولدىن قورقما. ئۆزۈڭ قىڭغىر بولساڭمۇ گېپىڭ تۈز بولسۇن. قىرىق كىشى بىر ياق، قىڭغىر كىشى بىر ياق. قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىن كېيىنمۇ بىلىنەر. قىيسىققا كەمسىتىپ قارىما، كۆزۈڭگە قادىلار. قومۇشنى قىيا تۇتما، قولۇڭنى كېسىدۇ. قىرىق يىل قىڭغىر ئۆسكەن دەرەخ ئوتتۇز كۈندە تۈزەلمەس. مايماق ئېدىشنىڭ قاپقىقىمۇ مايماق. ئەگرى ياغاچمۇ رۇس يانىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
سۈپ. ياراملىق، ياخشى، تۈزۈك، بولىدىغان.
راۋۇرۇس ھۈنەرۋەن.
رەۋ. تۈز، رۇس، توغرا.
ئۇ ياش يىگىتتەك بېلىنى تىكلەپ، راۋۇرۇس ئولتۇراتتى.
رەۋ. كەم ـ كۈتىسىز، پۈتۈنلەي، تولۇق؛ راسا.
خۇمارقىز چاچلىرىنى راۋۇرۇس قارايتىپ، چېكىسىنى ئالدىغا تاراپ كىچىككىنە پۆپۈك چىقاردى.
رەۋ. قىينالماي، بىمالال.
ئۇلار ئۆز كەسىپلىرىدىكى خەنزۇچە كىتابلاردىن پايدىلىنىپ، گېزىتنى راۋۇرۇس كۆرەلەيدىغان بولدى.
رەۋ. پۇزۇر، قاملاشتۇرۇپ، چىرايلىق.
راۋۇرۇس كىيىنمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كىشى كۆڭلىنىڭ بىرەر ئىش ياكى مەسىلە ھەققىدىكى مايىللىقى؛ مەيل، خاھىش.
رايىغا باقماق. رايى قايتماق. رايىغا قاراپ ئىش قىلماق. رايىغا قويۇپ بەرمەك.
<تىل> پېئىلنىڭ خەۋەر شەكىللىرىدە كۆرۈلۈپ، جۈملىدىكى ئىشنىڭ قانداق تەرزدە ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشى؛ مەيل.
راي كاتېگورىيىسى. پېئىل رايلىرى.