Uyghurئاساسىي لۇغەت
راىئو ئاكتىپلىق كاربون ئارقىلىق دەۋرنى بېكىتىش
دائىرە: دۇنيا تارىخىقەدىمكى ئاسار ئەتىقىلەرنىڭ مۇتلەق يىلىنى ئۆلچەپ بېكىتىشتىكى بىر خىل ئۇسۇل. تەبىئەت دۇنياسىدىكى كاربون ئېلېمېنتىنىڭ رادىئو ئاكتىپلىق ئىزوتوپى C-14 بولۇپ، ئۇنىڭ قويۇقلۇقى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ خىل C-14، CO2 شەكلىدە ھەر خىل ئالمىشىپ تۇرىدۇ. ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئۆلۈشى ھامان كاربوننىڭ ئالمىشىشى توختايدۇ، شۇنداقلا تاشقى مۇھىتتىن C-14 تولۇقلىيالماي، ھەر 5730 يىلدا ئەسلىدىكى مىقدارىنىڭ يېرىمى تېزلىكىدە ئۈزلۈكسىز كېمىيىپ بارىدۇ. شۇڭا قەدىمدىن قېپقالغان ئورگانىك ماددىلاردىكى C-14 نىڭ رادىئو ئاكتىپلىقىنىڭ كېمىيىش دەرىجىسىگە ئاساسلىنىپ ئورگانىك ماددىنىڭ ئۆلگەن يىلىنى ئېنىقلىۋېلىشقا بولىدۇ. لېكىن بۇ ھېسابلاشتا بەلگخلىك پەرقنىڭ بولۇشى تەبىئىي. نۆۋەتتە، C-14 ئارقىلىق 40 - 50 مىڭ يىل دائىرىسىدىكى دەۋرنى ئېنىقلاپ چىققىلى بولىدۇ، زەررە تېزلىتىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ 70 - 001 مىڭ يىل دائىرىسىدىكى دەۋرنى ئېنىقلاپ چىققىلى بولىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.