Uyghurئاساسىي لۇغەت
قېرىش
بىئولوگىيە
يېتىلگەن ئورگانىزمنىڭ نورمال مۇھىت شارائىتتا تۈزۈلۈش ۋە فۇنكىسىيىسىدە كۆرۈلىدىغان چېكىنىش خاراكتېرىدىكى ئۆزگىرىش ھەمدە يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي ھالدا ئۆلۈشكە يۈزلىنىش ھادىسىسى. مەسىلەن، بىر يىللىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قېرىشىنىڭ بەلگىسى ئۆسۈشى تەدرىجىي توختاش، يوپۇرمىقدىكى خلوروفىلنىڭ مىقدارى تەدرىجىي كېمىيىش، پارچىلاش مېتابولىزمىنىڭ ئېشىشى، چېچەكلەپ مېۋە بەرگەندىن كېيىن سولىشىش ۋە ئۆلۈشى قاتارلىقلار. يەنە مەسىلەن، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار بەلگىلىك ياشقا كەلگەندىن كېيىن، سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى يوقىتىشى، ھەرىكىتىنىڭ ئاستىلىشى، مېتابولىزمنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىقلار. ئادەم قېرىلىق مەزگىلىگە كەلگەندە چاچ ۋە تۈكلىرىنىڭ ئاقىرىشى، تېرىسىنىڭ قورۇلۇشى، ئومۇرتقىسىنىڭ ئىگىلىشى، چىشىنىڭ چۈشۈشى، ئۆپكە ھاياتلىق سىغىمىنىڭ تۆۋەنلىشى، يۈرىكىنىڭ قان چىقىرىش مىقدارىنىڭ كېمىيىشى، بۆرەكنىڭ سۈيدۈك ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى ۋە مېتابولىزمنىڭ تەدرىجىي تۆۋەنلىشى قاتارلىقلارمۇ قېرىشنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. قېرىش يەنە كېسەللىككە ئوخشاش پايدىسىز ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان ھادىسىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەبنىڭ مېخانىزمى ھازىرچە تېخى ئېنىقلانمىدى. شۇڭا، جانلىقلارنىڭ قېرىش جەريانى ۋە سەۋەبىنى تەتقىق قىلىپ، قېرىشنى ئاستىلىتىش، بىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنا پەنلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىسىگە ئايلىنىپ قالدى. مەخسۇس قېرىشنىڭ سەۋەبى، مېخانىزمى ۋە ئۇنى ئاستىلىتىش چارىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن گېرونتولوگىيە دەپ ئاتىلىدۇ.