Uyghurئاساسىي لۇغەت
قېرى
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
قېرىماق، قېرىش. كۆپ ياشماق، ياشىنىپ قالماق، ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ياشاپ بولماق.
قېرىلىق. * ئەر قېرىسا ئۆزىگە بىلىنەر، خوتۇن قېرىسا ئۆزگىگە (ماقال) . * قېرىغاندا تىل ئۇزۇرۇپ، ئەقىل قسقىرىدۇ (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
قېرىغان، ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ياشاپ بولغان، كۆپ ياشىغان («قېرى Ⅰ»<) ، چال، كەرىيە، كەمپىر، موماي.
قېرى - چۈرە. * قېرى - قارتاڭ. * قېرى كىشى، قېرى خوتۇن. * قېرى ئات. * قېرى سۈگەت. * قېرى قۇشقاچ كېپەككە ئالدانماس (ماقال) . قېرى ئات ئوقۇر بۇزماس (ماقال) . * قېرىغاندا قېرى تارتۇق، قېرىىنىڭ بىر قىلىقى ئارتۇق (ماقال) . * قېرى كەلسە ئاشقا، ياش كەلسە ئىشقا (ماقال) .
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان، قېرىغان، چوڭ ياشلىق كىشى.
قېرىغاندا قېرى تاتۇق، قېرىنىڭ بىر قىلىقى ئارتۇق. قېرى كىشى بولسا نادان ۋە جاھىل، ئەقىللىق گۆدەكنى ئۇندىن ئەۋزەل بىل. بوۋاينىڭ بىلىدىغىنى كۆپ. چال چامىدىن كەتكەنىكەن، ئاياش كېرەك. ئابۇشقا كلاسسىك ئەدەبىياتتا بىر مۇھىم پېرسوناژ سۈپىتىدە چىقىپ تۇرىدۇ. ب د ت 1 - ئۆكتەبىرنى دۇنيا ياشانغانلار بايرىمى قىلىپ بەلگىلىدى.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
>تارىخى رەشىدى< دە كۆرسىتىلىشىچە بىر قېرى 64.04 - 72.72 سانتىمېترغا باراۋەر كېلىدىغان ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، ئاساسەن ماتا - بۆز ئۆلچەشتە قوللىنىلغان. بۇنىڭدىن بۇ ئۆلچەم بىرلىكى نامىنىڭ >قارى<نىڭ باشقىچە ئاتىلىشى ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ تەخمىنەن ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. خېلى ياشقا بېرىپ قالغان، قېرىغان.
قېرى ئادەم. قېرى ئات.
ئى. ئۇزۇن يىل ياشىغان، يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان، قېرىغان كىشى.
ئاخىرى بۇ ئىككى قېرى نېرى - بېرى ئويلاپ، ئاخۇنۇمغا خەۋەر قىلىپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تارس. مىق. بۆز ئۆلچەيدىغان ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى. ئادەتتە بىر قېرى 70 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ.
ئى. شۇ ئۇزۇنلۇقتىكى ئۆلچەش ئەسۋابى.