Uyghurئاساسىي لۇغەت
قاتار
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
رەت، سەپ.
قاتارلىق تۇماق، قاتار قويماق، قاتارغا قوشماق. * ئىلغارلار قاتارىدىن ئورۇن ئالماق. * قاتاردىن چىقماق. * قاتاردىن قالغۇچە، خاتادىنقال (ماقال) . * دىۋانىلەر قاتار ماڭماس (ماقال) .
دۇتار تارىسى يوق،
بىلىمسىز كىشى قاتاردا يوق.
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئاسىيا
قاتارلار كاتالار< نىڭ ئۆزگەرمىسى
ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى پېرسىيە قولتۇق قىرغىقىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇ يېرىم ئارال قىسمى بىلەن دېڭىزدىكى ئۇششاق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەر مەيدانى 11 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، قاتار يېرىنىڭ كۆپ قىسمىنى يەر ۋەزىيىتى تەكشى بولغان بوز يەرلەر بىلەن قۇملۇقلار ئىگىلەيدۇ، جەنۇبىي قىسمىدا قۇملۇق بارخانلار بار. ئىقلىمى قۇرغاق ئىسسىق، يامغۇرى ئاز، شىمالىي قىسمىدا يامغۇر كۆپرەك بولىدۇ. قاتارنىڭ ئاھالىسى 270 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇنىڭ كۆپ قىسمىنى ئەرەبلەر، قالغىنىنى پارس، ئوردو، ھىندى، بىلوجى قاتارلىق مىللەتلەر ئىگىلەيدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەرەب تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ، ئىنگلىز تىلىنىمۇ ئورتاق قوللىنىدۇ. قاتار كىچىك دۆلەت بولسىمۇ، ئۇنىڭ تارىخى ئۇزۇن. مىلادىيە 7 - ئەسىردە ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، 1871 - يىلى ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، 1882 - يىلى ئەنگلىيە بېسىپ كىرگەن، 1916 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ كونتروللۇقىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان. 1971 - يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مۇستەقىلىككە ئېرىشكەن. قاتار ئىقتىسادىي جەھەتتە نېفىتنى ئاساس قىلىدۇ. قاتار نېفىتتىن قىلىنغان مالىيە كىرىمىگە تايىنىپ سېلىنغان نېفىت ئايرىش، خىمىيىۋى ئوغۇت، پولات - تۆمۈر، سېمونت، ئاليۇمىن قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. قاتار يېزا ئىگىلىكىدە كۆكتات، خورما، قارا ئاشلىق ئۆستۈرىدۇ. بېلىقچىلىقى بىلەن مەرۋايىت ئېلىش ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. مەرۋايىت ئېلىش مەزگىلى يېتىپ كەلگەندە نەچچە يۈزلىگەن قېيىق، نەچچە مىڭ ئادەم مەرۋايىت ئېلىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
قاتار پارىس قولتۇقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىرغىقىدىكى قاتار يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان. >قاتار< سۆزى قەدىمكى دەۋرلەردىكى غەربنىڭ جاينى ئاتىشىدىن ئكزگىرىپ كەلگەن. قەدىمكى گرېك جۇغراپىيىشۇناسلىرى بۇ جاينى >كاتالا< دەپ ئاتىغان. ئەرەب ئالىملىرىنىڭ بولسا >قاتارىيە< دەپ ئاتىغان. 1846 - سانىي بىننى مۇھەممەد قاتار خەلىپىلىكىنى قۇرغان، 1882 - يىلى ئەنىگلىيە بېسىپ كىرگەن، 1916 - يىلى ئەنىگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان. 1971 - يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى قاتار مۇستەقىللىق جاكارلىغان.
قاتارنىڭ يەر مەيدانى 11 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 560 مىڭ. بۇنىڭ ئىچىدە %40ى ( 1930 - يىلىدىن ئىلگىرى قاتاردا ئولتۇراقلاشقانلار ئۆلچەم قىلىنىدۇ) قاتارلار، قالغىنى چەت ئەل مۇھاجىرلىرى ھېسابلىنىدۇ. ھۆكۈمەت تىلى ئەرەب تىلى بولۇپ، ئىنگلىز تىلىمۇ كەڭ قوللىنىلىدۇ. پايتەختى دوخا، پۇل بىرلىكى دىنار.
پارس قولتۇقىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان يېرىم ئارال دۆلىتى - قاتار ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى جايغا ئايلىنىپ قالغاندى؛ 1971 - يىلى سېنتەبىردە قاتار مۇستەقىل بولغان. ئەتراپىدىكى باشقا دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرىگە ئوخشاش قاتارنىڭ زېمىنىدىمۇ بىر قىزىل بايراق جەۋلان قىلغاندى. 1860 - يىلى قاتار قىزىل بايراققا ھەرە چىشلىق ئاق بەلدەمنى قوشقان. قىزىل ۋە ئاق رەڭ ئەنگلىيىنىڭ دېڭىز قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن تاللانغان بولۇپ ئېنىق مەنىسى يوق. قاتارنىڭ دۆلەت بايرىقىغا ئىشلەتكەن قىزىل رەڭ قۇياش نۇرى ئاستىدا تەدرىجىي بېغىررەڭگە ئۆزگىرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، قاتار ھۆكۈمىتى 1949 - يىلى قىزىل رەڭنىڭ ئورنىغا بېغىررەڭنى ئىشلىتىشنى قارار قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قاتارنىڭ دۆلەت بايرىقى بەھرەيننىڭ دۆلەت بايرىقى بىلەنمۇ پەرقلىنىدىغان بولغان.
قاتار مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن تۈزۈپ چىققان دۆلەت گېربى ئاساسلىقى بىر سېرىق يۇمىلاق گېرب، ئۈستىدىكى ئىككى ئايسىمان ئەرەب قىلىچىنى پولات ئىستىھكامغا ئوخشاتقان بولۇپ، ھەر قانداق تاجاۋۇزچىلارغا تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئەركىنلىكىنى قۇغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەرەب قىلىچىنىڭ ھىمايىسىدە بىر ئاق يەلكەنلىك ئەرەب كېمىسى دولقۇن يېرىپ، پارس قولتۇقىدىكى كۆك دېڭىز ئۈستىدە ئالغا باسقان بولۇپ، قاتارنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىۋاتقان دېڭىز ترانسپورت سودىسى ۋە بېلىقچىلىق ئىشلىرى نامايەن قىلنغان. كېمىنىڭ يېنىدىكى بېغىررەڭ زېمىنىدا ئىككى تۈپ ئەرەب خورما دەرىخى بولۇپ، دۆلەتنىڭ مول تەبئىي بايلىقىنى بىلدۈرگەن.گېرب ئاستى دۆلەت بايرىقى شەكىلدىكى يۇمىلاق بېزەككە ئېلىنغان، ئۈستىگە ئەرەبچە > قاتار دۆلىتى < دېگەن خەت يېزىلغان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەپتەردە ئوبدان شېئىر تارتمايدىكەن سەپ، ئۇ دۇردانىدىن خالىي پۈچەك سەدەپ. دۇتار تارىسى ساتاردا يوق، بىلىمسىز كىشى قاتاردا يوق. قاتاردىن قالغۇچە، خاتادىن قال. ئالدىنقى رەت تىياتىردا، كەينىدىكى رەت كىنودا ئەتىۋارلىق.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
تۈركچە سۆز بولۇپ، قەدىمدە ساناق ساندا ئالتىدىن ئارتۇق بولسا بىر قاتار ھېسابلىناتتى. ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر - بىرىگە باغلانغان ئالتە دىن 100 گە قەدەر بولغان تۆگە بىر قاتار دېيىلىدۇ. ئىراندا يۈك توشۇيدىغان ھايۋانلارنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دامكا تۈرىدىكى بىر خىل ئويۇن. ئادەتتە تاختاي، قەغەز قاتارلىقلارغا تۆت بۇلۇڭلۇق كېسىشكەن سىزىقلار سىزىلىپ، ئىككى كىشى ئۆز ئۇرۇقلىرىنى مەلۇم يۆنىلىش بويىچە يۆتكەپ يۈرۈش ئارقىلىق ئوينايدۇ.
ئۇ بەزىدە قارتا، قاتار دېگەندەك ئويۇنلارنىمۇ ئويناپ قوياتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ئادەم ياكى نەرسىلەرنىڭ يانمۇ يان ياكى ئارقىمۇئارقا جايلىشىشىدىن، تىزىلىشىدىن ھاسىل بولغان رەت، سەپ.
ئەلەمدار ۋە قەلەمدار بەگلەر قاتار بولۇپ ئۆرە تۇرۇشتى.
سۈپ. بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تىزىغان، بىرىنىڭ كەينىدىن بىر كېلىدىغان، يانمۇ يان، ئارقىمۇ ئارقا؛ رەتلىك.
كارىدورغا سۈپىتى بىر - بىرىدىن دەرىجىمۇ دەرىجە پەرقلىنىدىغان قاتار ئۆيلەر جايلاشقانىدى.
مىق. ساناق سانلاردىن كېيىن كېلىپ، تىزىلغان ئادەم ياكى نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۈچ قاتار تېرەك. تۆت قاتار ئۆي.
ئى >مات< سانلارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە تىزىلىشىدىن ھاسىل بولغان رېتى.
سانلار قاتارى.
ئى >مات< سانلارنىڭ ئارقىمۇ ئارقىلىقىدىكى ھەر قايسى ئەزالارنىڭ يىغىندىسى. مەسىلەن،...1+1/2+1/3+1/4.... سانلار ئارقىمۇ ئارقىلىقى 1, 1/2, 1/3, 1/4... نىڭ قاتارى بولىدۇ.
ئى >خىم< ئۆزئارا مەلۇم مۇناسىۋەتتە باغلانغان خىمىيىۋى بىرىكمىلەر گۇرۇپپىسى.
كۆچمە. بىرەر ئىجتىمائىي گۇرۇپپا، تەشكىلات ۋە شۇ قاتارلىقلارغا مەنسۇپ كىشىلەر توپى، سەپ.
قاتارغا ئالماق. قاتارغا قاتماق.
قاتاردىن قالغۇچە خاتادىن قال(ماقال).
>شۇ< سۆزىدىن كېيىن ئورۇن كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ >شۇنىڭ بىلەن بىرگە<، >شۇنىڭ ئىچىدە< دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ شۇ قاتاردا ئۆزىنىڭمۇ تېۋىپلىكىنى ئۇقتۇرۇپتۇ.
>بىر< سۆزى بىلەن كېلىپ >بىر يۈرۈش<، >بىر قۇر<، >بىر قانچە< دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
بىر قاتار مەسىلە. بىر قاتار ئىش.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
مۇئەييەن تەرتىپ بىلەن سىزىقچىلار سىزىپ، ئىككى تەرەپ ئىككى خىل ئۇرۇقنى تىزىپ، قائىدە بويىچە يۈرۈپ ، ئۇتۇش - ئۇتتۇرۇشنى بەلگىلەيدىغان بىر خىل ئويۇن
توققۇز قاتار ئوينىدۇق. * قىمار ئوينىغىچە قاتار ئوينا.