ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . تاش، يان، تەرەپ.
يولنىڭ ئىككى قېتىغا قاتار - قاتار دەرەخلەر تىكىلەندى. * ئۇ دەريانىڭ ئۇ قېتىدىن كەپتۇ.
2 . قەۋەت، قاتلام. ئېتىز ئۈستىدىن بىر قات توپا ئېلىۋەتتۇق. * ئىككى قات يىپ. * قات - قات قاتلاڭ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
قتماق، قېتىش. 1 . قاتتىق ھالەتكە كەلمەك.
كۆلدە بىر قەۋەت مۇز قېتىپتۇ.
2 . قاتتىق بولۇپ قالماق. نان قېتىپ قاپتۇ. ئىككى پۇتۇم سوغۇقتىن قېتىپ قالدى.
3 . قوشما. مۈشۈكنى ھارۋىغا قاتساڭ، كاتنىڭ ئاستىغا سۆرەيدۇ (ماقال) . * ئاتنى ھارۋىغا قاتماق.
4 . كۆپەيتمەك، جىقلىماق، قوشماق، ئارىلاشتۇرماق. كىمكى سۈتكە سۇ قاتار، ۋارقىرىپ يۈرۈپ ساتار. * ئىسپىرتقا سۇ قاتماق. * مەن ئۇنىڭ سۆزىگە سۆز قاتتىم. * ئاق ئۇنغا قوناق ئۇنىنى قاتماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەرسىنىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ بىرى.
دەريانىڭ ئىككى قىرغىقى، شەيئىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ. ئەل قايان، سەن شۇ يان. ھەرقانداق يامان ئىشنىڭ ياخشى يېقى چىقار. ھەرقانداق مەسىلىنىڭ ئىككى يىقى بولىدۇ. ئۇ قاتتىكىنى بىلەي دېسەڭ دەريادىن ئۆت. نوتلىقىدا باغۋەن دەرەخنى ئېگىپ قويىدۇ خالىغان تامان.
دائىرە: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىقات، قەۋەت.
تون قاتى _ تون قېتى، قەۋىتى. تاغ قاتلاملىرىنى « قادراق» دېيىشمۇ شۇنىڭدىن كەلگەن.
1 - 420
دائىرە: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىقات، قاش، يان.
بەگ قاتىندا _ بەگ قېشىدا، بەگ يېنىدا.
1 - 420
دائىرە: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىقات.
(يازما نۇسخىدا بۇ سۆز «»شەكلىدە كەلگەن بولسىمۇ، بۇ يەردىكى سۆزلەرنىڭ كېلىش تەرتىپى ۋە بۇ سۆزنىڭ مىسالدىكى شەكلىگە ئاساسەن «قات» دەپ ئالدۇق.) ھەممە تىكەنلىك دەرەخلەردە بولىدىغان مېۋە. ئافىلغۇ قاتى _ قۇرۇم (بۇ چىنارغا ئوخشاش ئۆسىدىغان، تىكەنلىك، مېۋىسى بار بىر خىل دەرەخ.) دەرىخىنىڭ مېۋىسى. سىنچغان قاتى _ قاراقات ياكى قىزىلقات. ئۇنى سىقىپ قېتىققا ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن رەڭ بېرىش ئۈچۈن تۇتماچقا قوشىدۇ. يەمەك، قىپچاق، قاي، تاتار، چومۇل قەبىلىلىرىنىڭ تىلىدا ھەر قانداق دەرەخ مېۋىسى «قات» دېيىلىدۇ.
3 - 200
دائىرە: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىقېتىم؛ قاتلام
دائىرە: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى