Uyghurئاساسىي لۇغەت
قاپىيە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
مىسرالارنىڭ ئاخىرىدا كېلىدىغان ئاھاڭداش سۆزلەر. قاپىيە شېئىرىي نۇتۇقنى ئاھاڭدار ۋە تەسىرچان قىلىدۇ، مىسرالارنى ئەستە ساقلاپ قېلىشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق ماقاللىرى، ھېكمەتلىك سۆزلەر ۋە سەجئىلەر قاپىيلىك قىلىپ يارىتىلغان. مەسىلە: «يەر ھەيدىسەڭ كۈز ھەيدە، كۈز ھەيدىمىسەڭ يۈز ھەيدە»، «ياخشىدىن ئات قالىدۇ، ياماندىن دات» دېگەندەك. قاپىيە - شېئىرىي ئەسەردە كۇپلېت (بەند) لارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگۈچى ئاساسىي ۋاستە. ھەر خىل ژانىردىكى شېئىرلارنىڭ ئۆزىگە خاس قاپىيىلىنىش ئۇسۇلى بولىدۇ. قاپىيە توق ئاچ قاپىيە شەكىللىرىدە كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن تاشقىرى قوش قاپىيە (رادىف)، ئىچكى قاپىيە، ئىزچىل قاپىيە ۋە ئۆزگىرىشچان قاپىيىلەرمۇ بولىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىرىيتىدە كۆپىنچە باش قاپىيە ئاساسىي ئۇرۇننى ئىگەللەيتتى. زاماننىڭ ئۆتۈشى ۋە تەرەققىيات ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن قاپىيە تەرەققىي قىلىپ، ھەر خىل شەكىللەرگە ئىگە بولدى.
مەسىلەن:
بىلىك بىلىڭ يا بېگىم،
بىلىك ساڭا ئەش بولۇر.
بىلىك بىلگەن ئول ئەرگە،
بىر كۈن دۆلەت تۈش بولۇر.
(تۇرپان تېكىستلىرىن)
بۇ مىسرالاردىكى «بىلىك» (بىلىم) سۆزى باش قاپىيە بولۇپ، بۇ خىل شەكىل بىر قىسىم خەلق قوشاقلىرىدا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. مەسىلەن:
قارا - قارا قاشلارىڭغا
قاتساڭچۇ مېنى.
قارا قاشنىڭ بازارىدا
ساتساڭچۇ مېنى؟
يۇقىرىدا مىسالغا ئېلىنغان قوشاقلاردا ئىچكى قاپىيىمۇ، قوش قاپىيە - رادىفلارمۇ بار بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي شېئىرىيىتىنىڭ مەزمۇن ۋە شەكىللىرىنىڭ بايلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شېئىر مسىرالىرىنىڭ ئاخىرىدىكى ئاھاڭداش، تەلەپپۇزى ئوخشاش سۆزلەر، بوغۇملار. «ئۇيقاش» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىدۇ.
قاپىيە شېئىر - قوشاقلارنى تەسىرلىك ۋە ئاھاڭدار قىلىدۇ. يادلىۋېلىشقا ئاسانلىق تۇغدۇرىدۇ. قاپىيە ئاچ قاپىيە ۋە توق قاپىيە شەكلىدە كېلىدۇ. يەنە باش قاپىيە، ئالماش قاپىيە، تار قاپىيە، قوش قاپىيە، كەڭ قاپىيە، ئىچكى قاپىيە دېگەن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مىسرالارنىڭ ئاخىرىدا كەلگەن سۆز ۋە بوغۇملارنىڭ ئاھاڭداش بولۇپ كېلىشى.
قاپىيىگە سالماق.