Uyghurئاساسىي لۇغەت
قانات ئاستىغا ئالماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋ بىراۋنى ھىمايە قىلماق، كەمچىلىك - خاتالىقلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرماق.
يامانغا قانات ياپقان ياماندىن يامان. جىنايەتچىنى قانات ئاستىغا ئېلىش يەنە بىر خىل جىنايەت. ۋاقىت ھېچكىمگە يان باسمايدۇ، ئۇ ھەممىگە ئوخشاش 24 سائەت بېرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ھىمايە قىلماق، قوغدىماق، ھامىي بولماق: - باشقىلارنى قانات ئاستىغا ئالغان جىنايىتىڭ تەكشۈرۈلۈپ تېپىلسا، كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسەن، - دېدى ئۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ھىمايە قىلماق، ھامىي بولماق.
پارتىيە قاچان بىزنى ئۆز قانىتى ئاستىغا ئالدى، شۇ كۈندىن باشلاپ دىلىمىز يورىدى.